رابىيە قادىر : 12 ‏-يىللىق خاتىرە كۈنىدە » 5 ‏-ئىيۇل» قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن

» 5 ‏-ئىيۇل» ئۈرۈمچى ۋەقەسى نەچچە مىڭلىغان قېرىندىشىمىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىز- دېرەكسىز غايىب بولغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان پاجىئەلىك بىر كۈن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئونمىڭلىغان قېرىندىشىمىز » 26 ‏-ئىيۇن » شاۋگۇەن ۋەقەسىدە ئۆلگەن قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ ، خىتاي جاللاتلىرىنىڭ تەختى بولغان ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا توپلانغان ۋە بۇ توپلىنىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق مېھرىنى ۋە باش ئەگمەس مىللىي مىللىي روھىنى نامايان قىلغان شەرەپلىك بىر كۈندۇر. بۇ يەنە ، تېنچلىقچە باشلانغان نامايىش خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى بىلەن توقۇنۇشقا ئايلانغان، نەتىجىدە ، مىڭلارچە جان بەدىلى ئارقىلىق مۇستەملىكە ۋەتىنىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى دۇنياغا كەڭ كۆلەمدە بىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئەھمىيەتلىك بىر كۈندۇر. بۇ كۈن، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئىگە چىقالايدىغانلىقى، ھەمكارلىشالايدىغانلىقى، بىر-بىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلەيدىغانلىقىنى نەق مەيداندا كۆرگەن، ھېس قىلغان ۋە ئىسپاتلىغان ئىپتىخارلىق بىر كۈندۇر. بۇ كۈن باتۇر قىز-ئوغلانلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقلىرى بىلەن مىڭلارچە قەھرىمانلىق داستانلىرى يارالغان ، ئەمما بۇ داستانلار تېخى يېزىلمىغان تارىخىي بىر كۈندۇر.
بۇ تارىخنىڭ يارىتىلىشىدا، ئەلۋەتتە يۈزلەرچە قابىل ياشلىرىمىزنىڭ نەق مەيدان ۋە پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىللىشى بار ۋە رەھبەرلىكى بار. بۇلاردىن ھازىرغىچە مەلۇم بولغانلىرى ، خىتاينىڭ 5 ‏-ئىيۇل ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىدا «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن گۈلمىرە ئىمىن، ئەخمەت تۇرسۇن، مۇختەر ، گۈلنىسا ئەمەت قاتارلىق قەھرىمانلىرىمىز بار.
مەن بۈگۈنكى بۇ خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن 5 ‏-ئىيۇل نامايىشىنىڭ يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالمىغان ۋە ئاتالمىغان بارلىق يېتەكچىلىرى ۋە قاتناشقۇچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن ۋە ئاللاھتىن ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ تېنىگە ساقلىق، ھاياتىغا بىخەتەرلىك تىلەيمەن، دۇنيادىن ۋىدالاشقانلارغا رەھمەت تىلەيمەن.
چەكسىز ئىشىنىمەنكى، ئاللا ، تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنىڭ مۇكاپاتى ، جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ ئاھى ۋە دەۋرلەردىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقان دۇئالىرىنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ھۆر شەرقى تۈركىستان تۇپرىقىدا، خاتىرىلەش پۇرسىتىنى چوقۇم پات يېقىندا ئاتا قىلىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر.

Leave a Comment

*

*