رابىيە قادىر : خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى كۈتمەسلىككە ۋە دەرھال ھەرىكەتكە دەۋەت قىلىمەن

يېقىندا ب د ت دىكى45 دۆلەت ۋە ب د ت نىڭ بەزى مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي تەرەپنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىردى. مەن بۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىدىكى ئىنسانىي مەيدانى ۋە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇشتىكى ھوشيارلىقىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەن بۇ چاقىرىقتىكىلەرگە خىتاي تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشكە رۇخسەت بېرىشنى كەينىگە سوزۇش ۋە رۇخسەت بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ مۇستەقىل ئېلىپ بارالىشىغا يول قويماسلىق ئېھتىماللىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمەن. مەن خىتاي ھاكىمىيەت سېسىتىمىسىدا 20 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر سابىق خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېيەلەيمەنكى. خىتاي، سۈنئىي سەھنىلەرنى ياساپ چىقىش، قورچاق ۋەكىللەرنى سۆزلىتىش ۋە ھەقىقىي ئىنسانىي پاجىئە يۈز بېرىۋاتقان لاگىر، تۈرمە ۋە ئەمگەك مەيدانلىرىغا يېقىن يولاتماسلىق، ھەقىقىي ئەھۋالنى بايان قىلىش جاسارىتىگە ئىگە كىشىلەر بىلەن ئۇچراتماسلىق يولى بىلەن خەلق تەكشۈرگۈچىلەرنى ئالدايدۇ.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى يەنىمۇ تاقەت قىلىشنى، يەنىمۇ كۆزىتىپ تۇرۇشنى كۆتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ لاگىر ۋە تۈرمىلەردە قاپسىلىپ يېتىشى 5 ‏-يىلىغا قاراپ قەدەم قويدى.ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى ئاقىۋەتلىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى يىل تىك يۆنىلىشلىك چۈشۈش يۈز بەردى. . لاگېردىكى ئېچىنىشلىق ئۆلۈملەرنىڭ خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ، سانىنى بىلەلمەيۋاتقانلار يېرىمىز بار. بىر يىلدا يىگىرمە كىلودىن ئارتۇق ئېغىرلىقىنى يوقاتقان بىرقانچە لاگىر شاھىدىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ يىل 3‏- ئايدا، ئەسلىدە 105 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر تۇتقۇننىڭ لاگېردا 4 يىل يېتىپ 53 كىلو ئېغىرلىقتا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئائىلىسىگە قايتىپ 2 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. بۇ پەقەت تاسادىپىي پاش بولۇپ قالغىنى.ئائىلىسىدىن ئايرىلغان 500 مىڭدىن ئارتۇق بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا ئانىسىنى تونۇمايدىغان باسقۇچقا كېلىپ قالدى.
مەلۇمكى، خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، قىسىرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى » ئاستا ئۆلۈم » شەكلىدە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتىگە تولۇق يېتىشى ئۈچۈن، ۋاقىتقا ئېھتىياجى بار. شۇڭا خىتاي لاگېرلار قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش، ئارقىدىن ئۇنى كەسپىي تەربىيە ئورنى دەپ پەردازلاش ۋە ئارقىدىن، » تەربىيەلبەشتىكىلەر مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولدى» دەپ يالغان سۆزلەش ئارقىلىق بەش يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى، ئۇلار يەنە بەش يىل ۋاقىتنى تەكشۈرگۈچىلەرگە ئېچىش ئاچماسلىق ۋە تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزمەكچى.
شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتايغا پۇرسەت بېرىپ قويماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
دۇنيادا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ ئورىگىنالى ھەققىدە تا بۈگۈنگىچە مەلۇمات بەرمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ سەھنىلىرىنى دۇنياغا كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي لاگېرلارنى 2018 ‏-يىلى 10 ئايدا » كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرى» دەپ تۇنجى ئېتىراپ قىلغان قەدەر 20 ئاي ۋاقىت ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدىكى يالغانچىلىقى ئىسپاتلىنىپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 380دىن ئارتۇق لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بۇيرۇقى بېرىلگەن مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارىلىنىپ بولدى، ئائىلە -تاۋابىئات ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدىلا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قىرغىنچىلىقنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك قۇربانلىرى سۈپىتىدە ۋەزىيەتتىن گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييار تۇرۇپتۇ.
شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ تەكشۈرۈشكە يول قويۇشى ۋە ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىن قەتئىي ئۈمىد كۈتمەسلىككە ۋە مەۋجۇت پاكىتلارغا ئاساسەن، قارار چىقىرىش ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*