خىتاي باياناتچى خۇا چۈنيىڭغا بىر سوئال

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكادا جورج فلويېدنىڭ قاتىلىنىڭ سوتى ئېچىلدى، ئادالەت ئورنىنى تاپتى. بۇ نەتىجە ، ئامېرىكىدىكىلا ئەمەس، دۇنيادا مەزكۇر ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلگەن مىليونلارچە ئىنساننىڭ قەلبىنى راھەتلەتتى. مەنچە بۇلارنىڭ ئارىسىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭمۇ بار، چۈنكى، ئۇ ئۆتكەن يىلى » مەن نەپەس ئالالمىدىم» دەپ تىۋىت يوللاپ جورج فلويېدقا ھېسداشلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇشۇ خۇشال پۇرسىتىدە، ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن ۋە مەسئۇلىيىتىگە چېتىشلىق بولغان يەنە بىر جورج فلويېدنىڭ قىسمىتىنى ئېسىگە سېلىپ قويماقچىمەن.
يەنە بىر جورج فلويېد- ئىمامەمەت ئېلى- ئۇيغۇر، 26 ياش، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياش. ئۇ 2009 ‏-يىلى، 10 ‏-ئايدا، مىدوڭچۈ قاماقخانىسىدا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن دىسلانغان. ئىماممەتنىڭ سابىق كامىردىشى مۇنداق دەيدۇ : » ئىماممبمەت ئىككى قېتىملىق سوراقتىن ساق قايتىپ چىقتى، 3 ‏-قېتىمدا ھالى بەك بوش ئىدى . ساقچىلار قولتۇقلاپ ئەكىرگەندە ئۆرە تۇرالمايتى، بىر كۈن تاماق يېمىدى، ئەتىسى قان قۇستى، گۇندىپايلارغا دېدىم، › ما بالىنىڭ ھالى خەتەر داۋالىمىساڭلا ئۆلۆپ قالىدۇ‹ دەپ ، ئەتىسى ئۇنى ساقچىلار ئېلىپ چىقىپ كەتتى، شۇ پېتى قايتىپ كەلمىدى، نېمە بولغىنىنى نەدىلىكىنى بىلمەيمەن.» بۇ ئىمامممەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ بىر يىل بالىسىنى ئىزدەش جەريانىدا ئېرىشكەن بىردىن بىر ئۇچۇرى. بۇ سۆزلەردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بوينىغا دىسلانمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كۆكسىگە ، قورسىقىغا ۋە ياكى دوۋۇسىنىغا دىسلانغان. چۈنكى قۇسۇلغان قان ھەرگىز سىلاپ قويغاننىڭ ياكى شاپىلاقلاپ قويغاننىڭ ئاقىۋىتى ئەمەس.
شۇنداق، بىز ئىماممەتنىڭ دىسلانغىنىنى بىلىمىز، ئەمما نەرىگە دىسلانغىنى بىلمەيمىز، چۈنكى ئۇ دىسلانغان مەيداندا رەسىمگە ئالىدىغان، خىتاي ساقچىنى «توختا » دىيەلەيدىغان تېرگاۋچىلار يوق ئىدى. ئۇنىڭ دىسلانغانلىقىنى ئاڭلاپ يۈرىكى ئېزىلگەن پاتىگۈل غۇلام يىغلاپ يۈرگەندە، ئۈرۈمچىدە، ھەتتا پۈتۈن خىتايدا، ئۇنىڭ يىغىسىغا قۇلاق سالىدىغان س ن ن لەر ۋە ۋاشىنگتون پوچتىلىرى يوق ئىدى.

شۇنداق، ئۇيغۇر جورج فلويد -ئىماممەمەت ئېلىنىڭ قان قۇسۇۋاتقان ھالىتىدە كامىرىدىن ئاچىقىپ كېتىلگىنىگە 12 يىل بۆلىدى. ئەمما تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلمەيمىز. ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىش، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، جاۋابسىز قالدۇرۇلغاندىن باشقا يەنە، 2014 ‏-يىلى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر يېرىم يىل قاماقتا يېتىپ چىقتى، 2017 ‏-يىلىدىن بۇيان لاگېردا » تەربىيە » ئېلىۋاتىدۇ.
شۇنداق، ئىماممەمەتنىڭ قاتىلى خىتاي ساقچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمما قاتىلىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمىز. بۇ قاتىلنى جازالاش ۋە ئىماممەتكە ئوخشاش غايىب بولۇپ كەتكەن مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا خەت يازغان، ئىلھام توختى، ھازىر مۇددەتسىز قاماقتا.
ئىماممەت ئېلى 2009 ‏-يىلى ئۈرۈمچىدە قوزغالغان 5 ‏-ئىيۇل نامايىشىغا قېتىلغانلىقى ئۈچۈن دىسلاندى، 5 ‏-ئىيۇل نامايىشى شۇ يىلى 26 ‏-ئىيۇن كۈنى شاۋگۈەندە كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈلگەن 10 نەچچە ئۇيغۇر ئۈچۈن ئادالەتلىك بىر سوت تەلەپ قىلغان بىر نامايىش ئىدى.

ئەگەر خۇا چۇنيىڭنىڭ ئۆتكەن يىلقى شۇ ئىنساندارچىلىق تۇيغۇسى سەمىمىي بولسا، تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ باقسۇن:

جورج فلويدقا ئوخشاش ساقچى زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان مىڭلارچە ئىمامامەتلەرنىڭ قاتىللىرى قاچان سوتلىنىدۇ. ؟ ئۇلارنىڭ ھايات ۋە ئۆلۈكلىكى ھەققىدە قاچان ئۇچۇر بېرىلىدۇ، ئاتا-ئانىلىرى قاچان قويۇپ بېرىلىدۇ؟!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*