رابىيە قادىر : ئورتاق كەچمىشلىرىمىز بولغان لىتۋا خەلقىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىمەن

—- لىتۋا پارلامېنتىغا ئوچۇق مەكتۇپ

دۇنيادا بىزنىڭ دەردىمىزنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان خەلقلەردىن بىرى لىتۋا خەلقى دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۆتكەن ئەسىردە ناتسىست گېرمانىيسى ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئاز كەم يۈز يىلغا يېقىن چوڭ ئىمپىراتورلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن لىتۋا خەلقى بىلەن مانجۇ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەچمىشلىرىدە كۆپلىگەن ئورتاقلىقلار بار. 22 ‏-ئاپرېل لىتۋا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇش قارارىدا ئەنە شۇ ئورتاقلىقمۇ بىر تۈرتكە دەپ قارايمەن ۋە يىغىندىن ھەققانىي بىر سادا چىقىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
مەن يىغىن ھارپىسىدا، تۆۋەندىكى پىكىر ۋە گۇۋاھلىق باياناتىمنى لىتۋا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر سولىنىپ ياتقان 380دىن ئارتۇق لاگىر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقى ۋە ئىجرائاتلىرى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرۇپتۇ؛ چەتئەللەردە 50دىن ئارتۇق لاگىر شاھىدىنىڭ ، لاگېرلارنبڭ خىتاي دېگەندەك «كەسپىي تەربىيە ئورنى» ئەمەس «ئۆلۈم لاگېرى» ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق سادالىرى ياڭراپ تۇرۇپتۇ. . بۈگۈن بۇ قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ئۈچۈن پەقەت ئادالەت تۇيغۇسى ۋە جاسارەت كېرەك. لىتۋالىقلارغا ئېنىقكى، دۇنيادا ھېچ بىر قاتىل ھاكىمىيەت، تەختتىن چۈشمىگۈچە جىنايىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا خىتاي ساختا تەشۋىقات ۋە يالغان گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بار كۈچى بىلەن پەردازلاۋاتىدۇ.

خىتاي بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىنى بىزدىن يۈز رابىيە قادىر : ئورتاق كەچمىشلىرىمىز بولغان لىتۋا خەلقىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىمەن
—- لىتۋا پارلامېنتىغا ئوچۇق مەكتۇپ

دۇنيادا بىزنىڭ دەردىمىزنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان خەلقلەردىن بىرى لىتۋا خەلقى دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۆتكەن ئەسىردە ناتسىست گېرمانىيەسى ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە ئاز كەم يۈز يىلغا يېقىن چوڭ ئىمپىراتورلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ مۇستەقىللىقىغە ئېرىشكەن لىتۋا خەلقى بىلەن مانجۇ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئىككى يۈز يىلدىن بۇيان كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە يېقىنقى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ كەچمىشلىرىدە كۆپلىگەن ئورتاقلىقلار بار. 22 ‏-ئاپرىل لىتۋا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇش قارارىدا ئەنە شۇ ئورتاقلىقمۇ بىر تۈرتكە دەپ قارايمەن ۋە يىغىندىن ھەققانىي بىر سادا چىقىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
مەن يىغىن ھارپىسىدا، تۆۋەندىكى پىكىر ۋە گۇۋاھلىق باياناتىمنى لىتۋا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر سولۇنۇپ ياتقان 380دىن ئارتۇق لاگىر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرمغىنچىلىقىنى ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقى ۋە ئىجرائاتلىرى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرۇپتۇ؛ چەتئەللەردە 50دىن ئارتۇق لاگىر شاھىدىنىڭ ، لاگىرلارنبڭ خىتاي دېگەندەك «كەسپىي تەربىيە ئورنى» ئەمەس «ئۆلۈم لاگىرى» ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق سادالىرى ياڭراپ تۇرۇپتۇ. . بۈگۈن بۇ قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ئۈچۈن پەقەت ئادالەت تۇيغۇسى ۋە جاسارەت كېرەك. لىتۋالىقلارغا ئېنىقكى، دۇنيادا ھىچ بىر قاتىل ھاكىمىيەت، تەختتىن چۈشمىگىچە جىنايىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا خىتاي ساختا تەشۋىقات ۋە يالغان گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بار كۈچى بىلەن پەدەزلەۋاتىدۇ.

خىتاي بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان ئەرەپ دۆلەتلىرىنى بىزدىن يۈز ئۆرۈتكۈزدى، قان-قېرىنداشلىرىمىز بولغان تۈرك جۇمھۇريەتلىرىنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلىدى؛ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېىرىكا دۆلەتلىرىنى قەرز بىلەن بىلەن ئۆزىگە باغلىدى. ئۇ ھەق ۋە ئادالەتنىڭ بايراقدارلىرى بولغان، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىمۇ سۈكۈت قىلدۇرماقچى. شۇڭا 22 ‏-ئاپرىلدىكى يىغىن ھەم رېئال ھەم تارىخىي بىر ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەن ئۆزۈم شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى 15 يىلدىن بۇيان دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى، خىتاينىڭ تۈرمە ھاياتىنى 6 يىل باشتىن كەچۈرگەن بىر سابىق مەھبۇس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەنە شۇ لاگېرغا سولانغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئارىسىدا مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمدىن 39 كىشىنىڭ بارلىقى ، بۇلاردىن سىڭلىم ئارزۇگۈل قادىرنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى، سىڭلىم خەلچەم قادىرنىڭ نېرۋىسىدىن ئاداشقاندىن كېيىن ، ئىنىم مەمەت قادىر ۋە ئوغلۇم ئابلىكىم ئابدۇرېھىملار ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، قالغان35 كىشىنىڭ يەنىلا لاگىر ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ۋە ئۇ يەردە ئۆلۈم گىردابىغا قىستىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدە بۇ مەكتۇبۇم ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىمەن.
خىتاي مېنى مۇشۇ قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن توختىتىش ئۈچۈن ، مېنىڭ نەۋرەم ئايدىدارنى ۋە ئىنىم مەمەت قادىرلارنى ئېكراندا ماڭا قارشى سۆزلەتكۈزدى. مۇشۇ تەدبىرنىڭ ئۆزىدىنلا ، خىتاينىڭ ئاجىزلىقى ھەم ۋەھشىيلىكى نامايان.
بىلىمىز، خىتاي چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن ۋە ئەخلاق تونۇمايدىغان بىر دۆلەت، شۇڭا بۇ دۆلەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ بەلگىلىك ئاۋارىچىلىكلىرى بار، ئەمما بىز لىتۋا دۆلىتىدىن، قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ياردەمنى كۈتمەيمىز. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش ۋە خىتاينى بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامانلىقى، دۇنيانىڭ تېنچىلىقىلا ئۈچۈنلا ئەمەس، لىتۋالىقلار جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ زۆرۈردۇر.

بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسى نېمە بولسا بولسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە ئۈچۈن سەھنە بەرگەن ۋە ماڭا بۇ گۇۋاھلىق بايانىمنى بىلدۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، مۇستەقىل لىتۋا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئانتاناس سمەتونا Antanas Smetona قاتارلىق دۆلەت ئاتىلىرى ۋە قەھرىمانلىرىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر، قان-قېرىنداشلىرىمىز بولغان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلىدى؛ ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېىرىكا دۆلەتلىرىنى قەرز بىلەن بىلەن ئۆزىگە باغلىدى. ئۇ ھەق ۋە ئادالەتنىڭ بايراقدارلىرى بولغان، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىمۇ سۈكۈت قىلدۇرماقچى. شۇڭا 22 ‏-ئاپىرىلدىكى يىغىن ھەم رېئال ھەم تارىخىي بىر ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەن ئۆزۈم شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى 15 يىلدىن بۇيان دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى، خىتاينىڭ تۈرمە ھاياتىنى 6 يىل باشتىن كەچۈرگەن بىر سابىق مەھبۇس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەنە شۇ لاگېرغا سولانغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئارىسىدا مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمدىن 39 كىشىنىڭ بارلىقى ، بۇلاردىن سىڭلىم ئارزۇگۈل قادىرنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى، سىڭلىم خەلچەم قادىرنىڭ نېرۋىسىدىن ئاداشقاندىن كېيىن ، ئىنىم مەمەت قادىر ۋە ئوغلۇم ئابلىكىم ئابدۇرېھىملار ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، قالغان35 كىشىنىڭ يەنىلا لاگىر ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ۋە ئۇ يەردە ئۆلۈم گىردابىغا قىستىلىۋاتقانلىقىنى ھەققىدە بۇ مەكتۇبۇم ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىمەن.
خىتاي مېنى مۇشۇ قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن توختىتىش ئۈچۈن ، مېنىڭ نەۋرەم ئايدىدارنى ۋە ئىنىم مەمەت قادىرلارنى ئېكراندا ماڭا قارشى سۆزلەتكۈزدى. مۇشۇ تەدبىرنىڭ ئۆزىدىنلا ، خىتاينىڭ ئاجىزلىقى ھەم ۋەھشىيلىكى نامايان.
بىلىمىز، خىتاي چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن ۋە ئەخلاق تونۇمايدىغان بىر دۆلەت، شۇڭا بۇ دۆلەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ بەلگىلىك ئاۋارىچىلىكلىرى بار، ئەمما بىز لىتۋا دۆلىتىدىن، قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ياردەمنى كۈتمەيمىز. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇش ۋە خىتاينى بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامانلىقى، دۇنيانىڭ تېنچىلىقىلا ئۈچۈنلا ئەمەس، لىتۋالىقلار جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ زۆرۈردۇر.

بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسى نېمە بولسا بولسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە ئۈچۈن سەھنە بەرگەن ۋە ماڭا بۇ گۇۋاھلىق بايانىمنى بىلدۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، مۇستەقىل لىتۋا دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئانتاناس سمەتونا Antanas Smetona قاتارلىق دۆلەت ئاتىلىرى ۋە قەھرىمانلىرىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*