رابىيە قادىر: نەۋرەمنىڭ پومپىيوغا قارشى باياناتى- خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىقتىكى چارىسىزلىقنىڭ بىر ئىپادىسى

خىتاي ئاخباراتى  بۈگۈن نەۋرەم   ئايدىدار  قاھارنىڭ  سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  مايىك پومپىيوغا قارشى باياناتىنى ئېلان قىلدى.  10 يىل ئىلگىرى ئوغلۇم ئالىم ئابدۇرېھىمنى ماڭا قارشى بايانات بەرگۈزگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم بۇ  قىلغىنى مەن ئۈچۈن ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
بۇ بايانات،  نەۋرەمنىڭ  نەقەدەر بىر ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكىنىلا  ئەمەس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشتا نەقەدەر ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ بىر ئوچۇق ئىپادىسى.
خىتايدا يېقىنقى 30 يىلدا  بىر پۇقرا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمەس، بىر يېزا باشلىقىغا قارشى پىكىر بايان قىلىپ باقتىمۇ؟ قىلىپ باققانلار بولسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟   مېنىڭ ئۆز   ئائىلە ئەھۋالىنى سوراپ قېلىشىمدىن قورقۇپ تېلېفونۇمنى  ئېلىشقىمۇ جاسارەت قىلالمايدىغان بۇ نەۋرەمگە،  بۇ جاسارەت نەدىن كەلدى؟  ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 35 كىشى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا يېتىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشمۇ ھەققى بولمىغان  بۇ نەۋرەمگە، خىتاينىڭ غوللۇق ئاخباراتىدا پىكىر بايان قىلىشتەك بۇ كاتتا «ئەركىنلىك»نى كىم بەردى؟       نەۋرەمنىڭ مايىك  پومپىيوغا قارشى بايانات يازغانلىقى ھەققىدىكى  خەۋەرنىڭ چىنلىقىغا قارىتا  مۇشۇ تەرىقىدە يۈزلەرچە سوئالنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. ئەمما ھاجىتى بارمۇ؟ مەنچە يوق.  چۈنكى  بىر ھاكىمىيەت گۇرۇھى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا سوئال-سوراققا دۇچ كەلسە، قەلبىدىكى جىنايەت تۇيغۇسى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ ۋە قارشى تەرەپنىڭمۇ ئەقلىي ئىقتىدارىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ؛ نەتىجىدە  تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپ پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ئۆز جىنايىتىنى ئاقلاشقا تىرىشىدۇ.   مەزكۇر خەۋەردىكى رېئاللىق بۇ.
تەكرارلايمەن، مەن خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتتا بۇ دەرىجىدە تۆۋەن  سەۋىيىگە چۈشۈشىگە ھەرگىز ھەيران قالمايمەن؛ پەقەت ، خىتاينىڭ مۇشۇ خىل ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئەگىشىپ ،  ئۇيغۇر مەسىلىسىدە  ئۇنىڭ  دۇمبىقىنى چېلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت، تەشكىلات ۋە ئەربابلارنىڭ تا  ھازىرغىچە مەۋجۇتلۇقىغا ھەيرانمەن.  شۇڭا بۇ  خەۋەر  سەۋەبلىك مېنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە دەيدىغان ئارتۇق گېپىم يوق؛ مەن پەقەت خەلقئارا جامائەتنى  خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ بېرىۋاتقان يۇقىرىقىدەك خەۋەرلىرىگە، ئىنسانىي بىر غۇرۇر ۋە تارىخىي بىر مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەزەر سېلىشقا  ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە، توغرا مەيداننى تاللاشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*