رابىيە قادىر : لاگىر ھەققىدە كىتاب يازغان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنى تەبرىكلەيمەن

مەنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر سابىق مەھبۇس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان سابىق تۇتقۇن گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ قانداق جەريانلارنى، جۈملىدىن روھىي توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمەن: بىر تەرەپتە ئائىلە ئەزالىرىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرى؛ يەنە بىر بىر تەرەپتە مەزلۇم مىللىتىڭنىڭ دەرد -پەريادلىرى؛ ئىنسان بالىسى ئۈچۈن بۇ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشتەك قېيىن بىر ئۆتكەل يوق. ئەمما چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، سىياسىي بىر ئاڭ بىلەن قارىغىنىمىزدا، ئەسلىدە بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى يەنى مىللىي تەقدىرىمىز ھەل بولماي تۇرۇپ، ئائىلىۋى قىسمىتىمىزنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ بىر ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ئەمما مۇشۇنى تونۇپ يېتىشنىڭ ئۆزى مۈشكۈل ۋە ئازابلىق بىر جەريان. مەن قارىمايدىكى لاگېردا ئىككى يىلچە يېتىپ چىققان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ، ئاخىرى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارا سۆزلەش قارارىغا كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە بىر گۇۋاھلىق كىتابى يازغانلىقىنى، بىر جاسارەتنىڭ ۋە پىداكارلىقنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. فىرانسىيەدىكى پائالىيەتچى دىلنۇر قىزىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى فىرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشىدا قانداق تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسا، گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابى ۋە ئاخبارات باياناتلىرى، بۇ تونۇشنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىغا ۋە ئاخىرىدا، مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى نۆۋەتتىكى قارا كۈنلەرنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشىغا بىر ئۈلۈش ھەسسە قاتقۇسى!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*