رابىيە قادىر: خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىنى ئۇيغۇرغا تېگىشىش ئۇرۇنۇشى ئەيىبلىنىشى ۋە توسۇلۇشى كېرەك

تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ فوكس ت ۋ خەۋىرىدە خىتاينىڭ تۈركىيەگە تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، يەنى توختام بويىچە 11 ‏-دېكابىر كۈنى تۈركىيەگە كېلىپ بولۇشى كېرەك بولغان ۋاكسىنىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك يەنى خىتاي تۈركىيە ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئېنىقكى بۇ نېمە دەپ ئاتلىشى ۋە يېزىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ مۇزاكىرە ، ماھىيەتتە » ۋاكسىنىنى ئۇيغۇرغا تېگىشىش» سودىسىنىڭ خەۋىرىدۇر.
بۇ خەۋەر ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق بىر خەۋەردۇر، بۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئەكەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، بۈگۈن دۇنيادا، مېدىتسىنادىن ئىبارەت بۇ ئىنساندارچىلىق ساھەسىنىمۇ ، مۇشۇنداق بىر ۋابا مەزگىلىدە سىياسىيلاشتۇرۇشقا جاسارەت قىلالايدىغان بىر كۈچنىڭ دۇنيا مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قورقۇنچلۇقتۇر. بۇ، بىر قەبىھ بىر جىنايەتنىڭ خەۋىرىدۇر؛ چۈنكى خىتاي تەرەپ، سودىدىكى- دورا بازىرىدىكى- ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش جىنايەتچىلەرنى- ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى پۇلغا سېتىۋېلىش يولى بىلەن چاڭگىلىغا ئالماقچى. بۇ خەلقئارالىق جىنايەتتۇر؛ چۈنكى خىتاي بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك قىلماقچى.
بۇ خەۋەر بىر تۈركىيە پارلامېنت ئەزايى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانلىقى ئۈچۈن، نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان دەرىجىدە ئىشەنچلىك خەۋەردۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ۋاسىتە تاللىمايۋاتقانلىقىنى؛ دۆلەت ۋە قۇرۇلۇشلارنى پۇلغا سېتىۋېلىش يولى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك قىلىۋاتقانلىقى مىڭلارچە پاكىت بىلەن ئاشكارىلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈستىدىن تەكشۈرۈشكە ۋە زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك بىر خەۋەردۇر. يېقىندىنلا ئاشكارىلانغىنىدىن مىسال ئالساق، خىتاي بەيدۇ شىركىتىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى خەرىتىدىن ئۆچۈرگۈزدى؛يەنى خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشتا، مەشھۇر بەيدۇ شىركىتىنى ئۆزىگە ۋاسىتە قىلدى؛ خىتاي ئالىيبابا شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تونۇش سىستېمىسىنى ئىشلەتكۈزۈپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئۇنى شېرىك قىلدى. خىتاينىڭ ئەمدى، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيەدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئالىقىنىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشى تەبىئىيكى، ئۇنىڭ تەبىئىتىگىمۇ، بۈگۈنكى پەيلىگىمۇ يات بىر ھەرىكەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇشۇ كۈنلەردە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىمۇ، مەزكۇر خەۋەردە دېيىلگەن، خىتاينىڭ ۋاكسىنىنى ئۇيغۇرغا تېگىشىش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر.
ئەلۋەتتە، كۆنىگە 250دىن ئادەم ئۆلۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنىغا ئېھتىياجى بار، ئەمما تۈركىيە خەلقى بۇ ئېھتىياجىنى باشقا ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ قېرىنداشلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش بىلەن قامدىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، تۈركىيەنىڭمۇ ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن بۇ ئىنساندارچىلىق ئىمتىھانىدىن لاياقەت بىلەن ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە سەھىيە تەشكىلاتىنى ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە، ۋە ئۇنىڭ ۋاكسىنىنى ئۇيغۇر «جىنايەتچى»لەرگە ئالماشتۇرۇش قەستىنىڭ ھەر خىل ناملار ئاستىدا، يەڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىمەن.
ئاخىرىدا خەلقئارا جامائەتكە، خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ غەيرىي ئىنسانىي تەبىئىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*