رابىيە قادىر: تارىخىي ۋە ئەھمىيەتلىك بۇيرۇقى ئۈچۈن مايك پومپىيو ئەپەندىگە يەنە بىر رەھمەت ئېيتىمەن

ئامېرىكا تاشقا ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو ئۆتكەن ھەپتە، تاشقى شىلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئادالەت ۋە قانۇن مەسلىھەت ئىشخانىسىغا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىققا يېتىپ ياتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ-بېكىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ بىر پاجىئە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ خىزمەت ئالدىراشلىقى مەزگىلدىمۇ كۈنتەرتىپتىكى مۇناسىپ ئورنىدىن چۈشۈپ قالمدى؛ خەلقئارا سەھنىدە قۇدرەتلىك ، شۇنداقلا ھەق ۋە ئادالەتكە بايراقدار بىر دۆلەتكە خاس سەزگۈرلۈك يەنە بىر رەت نامايان بولدى. ئەلۋەتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان باش ئەلچى مورس تان ئەپەندى بىلەن مەسلىھەتچى مارىك سترىڭ ئەپەندىنىڭ قانداق خۇلاسە چىقىرىشى ئايرىم مەسىلە) مەن دارفۇردىكى، بوسىنىيەدىكى، رۇۋاندادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلقلارغا توغرا دىئانوز قويالىغان ئامېرىكا دۆلەت ئەربابپلىرى، تاغدەك پاكىتلىرى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغىمۇ توغرا باھا بېرەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن( ؛ ئەمما نەتىجە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەنچە مايىك پومپىيو بۇ بۇيرۇقى ئارقىلىق،مەزكۇر مەسىلىدە ئۆزىنىڭ زىممىسىغا چۈشكەن دۆلەت ۋەزىپىسى ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئادا قىلغان بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مايىك پومپىيو ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ۋە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئەربابلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاسانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*