رابىيە قادىر: خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئازابى چېكىۋاتىمىز

بۈگۈن يەنى 10 ‏-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈندە دۇنيادا باشقا مىللەتلەر تارىخىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك خاتىرىسىنى ئەسلىشىپ ئىبرەت ئېلىۋاتقان، مەۋجۇت ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە نۇقتىلىق كۆز تىكىپ تۈزىتىشنىڭ چارىسىنى ئويلىشىۋاتقان بولسا، بىز-ئۇيغۇرلار، بۇ كۈننى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆتكۈزمەكتىمىز.
شۇنداق، ئۈستىمىزدىن بومبا تاشلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئەمەسمىز؛ ئەمما 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز، لاگېرلارغا سولىنىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتىمىز؛ قوراللىق قاراۋۇللار بىلەن كۆزىتىلىۋاتقان بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ ئاچ قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ، ئۇيقۇسىز قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ، ئېتىقادى ۋە ئوي-خىياللىرى سەۋەبلىك سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە قېيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما بۇ ئازابلار تۈپەيلى كۈنىگە قانچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز.
شۇنداق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى گاز باكلىرىغا سولىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلىرىمىز يوق؛ ئەمما ۋەتىنىمىزنىڭ چەت-ياقا جايلىرىغا تەسىس قىلىنغان لاگېرلارنىڭ يېنىغا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى قۇرغانلىقىغا ئائىت پاكىتىمىز بار. بۇ لاگېرلارغا 2017 ‏-يىلدىن باشلاپ توختىماي ئادەم سولىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما ئادەم قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ئۇچۇرىمىز يوق.

شۇنداق خىتاي ئارمىيىسى كۆكسىمىزگە قارىتىپ ئومۇميۈزلۈك ئوق ئېتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئەمەسمىز؛ ئەمما خىتاي ساقچىلىرى يۈرەك پارىلىرىمىزنى -ئەۋلادلىرىمىزنى قۇچىقىمىزدىن مەجبۇرى يۇلۇپ ئېلىپ، دارىلتاملارغا توپلىۋالغان؛ ئۇلارنى ئانا مېھرىدىن، ئائىلە قوينىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ، مىليونلارچە تىرىك يېتىمنىڭ ئەسىر ئاتا-ئانىلىرى بولۇپ قالغان ۋەزىيەتتىمىز.

شۇنداق، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلغىنى يوق؛ ئەمما يۈز مىڭلارچە ئايالنى قىسرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ياشاشلا ئەمەس، تۆرىلىشىمىزگە- نەسىل قالدۇرۇشىمىزغا چەك قويۇلغان بىر ۋەزىيەتتىمىز.
ھالىمىز مۇشۇ تۇرۇقلۇق، كانادادىن پارلامېنتىدىكى بىر كومىتېتتىن باشقىلار ۋەزىيىتىمىزنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغىنى يوق؛ ئامېرىكادىن باشقا بىر دۆلەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىگە بىر ئاگاھلاندۇرۇشمۇ تېخى بەرگىنى يوق. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ كۈننى خاتىرىلەۋاتقان ھەرقانداق بىر شەخس، تەشكىلات ۋە دۆلەتنى ، خاتىرلەۋاتقىنى سەمىمىي بولسا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆز تىكىشكە دەۋەت قىلىمىز!
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*