رابىيە قادىر : بارىن ئىنقىلاۋىىنى ئەسلەيمەن، ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن

1990 ‏-يىلى 5 ‏-ئاپرىل كۈنى پارتىلىغان بارىن ئىنقىلاۋى، خەلقىمىزنىڭ ، 40 يىللىق مۇستەملىكىچىلىك يەنى 40 يىللىق سىياسىي باستۇرۇش، 40 يىللىق نامراتچىلىق، 40 يىللىق مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىنمۇ، ئۆزىنىڭ تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بىر ھەرىكەتتۇر .
بارىن ئىنقىلابى، خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئارقىدا قالغان بولسۇن ياكى ئىلگىرىلىگەن بولسۇن، مەيلى يېزىدا ياشىغان بولسۇن، ياكى شەھەردە ياشىغان بولسۇن، مۇستەملىكىچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.
بارىن ئىنقىلابى، خەلقىمىزنىڭ ماددىي ئىمكانلار جەھەتتە ئۆزى قانچە ئاجىز، دۈشمەن قانچە كۈچلۈك بولسۇن، ئىشغالىيەتكە قارشى كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقى ، پۇرسەتنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان ئەمەس ، پۇرسەتنى يارىتىشقا ئىزچىل ئۇرۇنىدىغان كۈرەشچان روھىنى ئىسپاتلىغان بىر ھەرىكەتتۇر.
بارىن ئىنقىلابى، مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ بىزنى بىرلەشتۈرۈش، بىزنى ئادالەت ئىزدەشكە ئۈندەش، بىزنى قۇللۇقتىن-خورلۇقتىن ئەبەدىي قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتەك تەڭداشسىز كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان ھەرىكەتتۇر.
شۇڭا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزىسىدا پارتلىغان بۇ شەرەپلىك مىللىي ئىنقىلابىمىزنىڭ يېتەكچىسى شېھىت زەينىدىن يۈسۈپنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سەپداشلىرىنى، بۈگۈنكى 30 يىللىق بۇ خاتىرە كۈنىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن ، ئۇلارنىڭ ئامان قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

2020 ‏-يىلى 5 ‏-ئاپرېل

Leave a Comment

*

*