رابىيە قادىر: خىتاي ئىراننى ئۈلگە ئېلىشى، لاگىر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك

ئىران ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن ئۆزىنى قوغدۇشى ئۈچۈن، تۈرمىدىكى 54 مىڭ مەھبۇسنى ۋاقىتلىق قويۇپ بەرگەن؛ ئىراننىڭ بۇ قىلغىنى ھەم ئىنساندارچىلىق، تېببىي مېتود نۇقتىسىدىن ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر   قەدەم. خىتاي ئىران بىلەن  قويۇق ھەمكارلىقى بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىراننىڭ بۇ ئىجابىي قەدىمىنى ئۈلگە ئېلىشى ۋە لاگېردا ۋە تۈرمىلەردە  يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك. مەلۇمكى  ئىران ھۆكۈمىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى تۈرمىدىكىلەرگە يۇقماستىن تۇرۇپ، ئاقىلانىلىك بىلەن بۇ تەدبىرنى ئالغان. خىتاي ئۆز ئۆلكىلىرىدىكى بىر نەچچە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، بۇ قەدەمنى تېخىچە باسمىدى، ئويلۇشىۋاتقانلىقىدىنمۇ ئۇچۇر يوق. يەنە دىققەتكە سازاۋىرى  ئىراننىڭ قويۇپ بەرگەن مەھبۇسلىرى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر، ئەمما لاگېردىكى ئۇيغۇرلار بولسا، خىتاينىڭ ئۆز چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ،تېخى جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، پەقەت ئۆتكۈزۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ۋە شۇ سەۋەبتىن » كەسپىي تەربىيە» ئېلىۋاتقان كىشىلەر. ئۇنداق ئىكەن خىتاي يەنە نېمە ئۈچۈن لاگېردىكى بۇ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قويۇپ بېرىشنى توغرا كۆرمەيدۇ؟! خىتاي ئۆز پۇقرالىرىغا چىقارغان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ئۇقتۇرۇشىدا،  تەدبىرلەردىن بىرى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە توپلانماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى؛ ئەجەبا خىتاي  خەلقىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ ۋىرۇس يۇقتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى توپلانغان لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا  ۋىرۇس يۇقۇشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ؟
خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان، لاگېرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەدبىرلەر ھەققىدە مەيلى دۇنيا، مەيلى ئۆز خەلقىگە  ھېچقانداق بىر مەلۇمات بەرمىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇ لاگىرلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئېغىر پاجىئەلەر كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان نازۇك جايلار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ؛خىتاي ، ھازىر لاگېرلاردا  يۈز بەرگۈسى ھەرقانداق بىر پاجىئەنى دۇنياغا بىلدۈرمەي تۇرۇپ جىمىقتۇرىۋېتىشنىڭ كويىدا؛ شۇڭا خەلقئارا جامائەت، ئىراننىڭ مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىدەك، مىساللارنى خىتايغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى ۋە قىستىشى كېرەك.
دۇنيا ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، شەرقى تۈركىستاندا لاگېردىكى 3 مىليون كىشىدىن باشقا، يەنە تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بىر مىليونغا يېقىن كىشى، دارىلتاملارغا يېغىۋېلىنغان بىر مىليون ئەتراپىدا يېتىم بالا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ ئەسىر ئىشچى بار. ئەمەلىيەتتە بۇلار بۈگۈن يەر شارىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەۋپىگە ئەڭ ئېغىر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلەر، بۇلار خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن دۆلەت دۈشمىنى دەپ قارالغىنى ئۈچۈنلا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەتىرىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن خەلقئارا جامائەتنى بۇ جىددىي مەسىلىگە كۈنتەرتىپلىرىدىن ئورۇن بېرىشكە يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*