رابىيە قادىر : لاگېرىدىكىلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خەتىرىگە مۇداپىئەسىز تاشلاپ قويۇلدى، خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم سورايمەن

 

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر رايوندىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن 17 نەپەر بايقالغانلىقى ، باشقا ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارىتا جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە. ئەمما مەزكۇر رايوندا بۇ ۋىرۇسقا تاقابىلچانلىقى ئەڭ ئاجىز بولغان لاگېردا يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر خەۋەر يوق. ئەكسىچە خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەڭ ئېغىر پاجىئەلىرىنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن بولغان بۇ لاگېردىكىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇشقا ۋە ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 12 كىشىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە پىتنە پاسات تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغانلىقى، مانا بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ ئاشكارىلانغان بىر ئىپادىسى.
ئېنىقكى، بۈگۈن لاگېرىدىكىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ يەر شارىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى دېگەن بىر ئاپەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىنمۇ، ئۆزلىرىگە يېقىنلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ، ئۇلارنىڭ لاگىر سىرتىدىكى تۇغقانلىرى، ئۇلارغا بۇ خەتەرنى بىلدۈرۈش ھوقۇقىدىن، خىتاي دائىرىلىرىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش جاسارىتىدىن تامامەن مەھرۇم.
رايوننىڭ تارىخىنى ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتساق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. چۈنكى شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تېرورچىلىققا قارشى كۈرەشنى ھايات -ماماتلىق جەڭ دەپ ئېلان قىلغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ قىرىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقى ئېنىق ؛ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلگەن، شۇڭا ئۇلار بۇ لاگىرلاردىكىلەرگە ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشىغا كۆز يۇمۇشى ھەتتا ۋىرۇسنى قەستەن يۇقتۇرۇش ئارقىلىق، بىر تەبىئەت قازاسى نامىدا بۇ مەسىلىدىن تامامەن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاللىشىمۇ ھەم مۇمكىن.

بۈگۈن لاگېردىكىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى پەقەت ۋە پەقەت خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردىمىگە باغلىق.شۇڭا مەن ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى ئۆز پۇقرالىرى ۋە ئەزالىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن قوغداۋاتقان مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ بىر چېتىدە شۇ خەتەرنىڭ ئالدىغا مۇدپىئەسىز تاشلاپ قويۇلغان لاگېردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق چارىسىز ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

مەنچە، بۈگۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇم يەتكەن بىر مەزگىلى. ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر مەزگىل؛ شۇڭا دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار، ئاددىي بىر چاقىرىق ئارقىلىق ، مەسىلەن خىتاينى كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقاندا لاگېردىكى 3 مىليون پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدە بىر دوستانە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئارقىلىق لاگېردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىشى ۋە خىتاينىمۇ تارىخىي بىر جىنايەتتىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى ، خەلقئارا جامائەت ئەربابلىرىنىڭ، دۇنيادىكى بۇ قورقۇنچلۇق ۋىرۇسقا مۇداپىئەسىز تاشلاپ قويۇلغان، بۇ چارىسىز ئۈچ مىليون ئىنساننى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەكرار ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*