رابىيە قادىر : ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىغا لاگېردىكى 3 مىليون تۇتقۇن نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى مېنى كۆپ سۆيۈندۈرۈپ ۋە ئۈمىدلەندۈرۈپ قالماستىن ھەم غورۇرلاندۇردى. مەن ئۆز جۇغراپىيىسىدىن مىليونلارچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر مەزلۇم مىللەتنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرەلىگەن ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى قوغداش ئۈچۈن بىلەت تاشلىغان مەجلىس ئەزالىرى بار بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىم ۋە بۇ تۇپراقتا 12 ئامېرىكا ۋەتەندىشىنىڭ ئانىسى ۋە مومىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندىم.
ئەلۋەتتە بۇ ، بۈگۈن يەر شارىدا داۋام قىلىۋاتقان، مىسالى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىس-تۈتەكسىز بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنىڭ يولىنى ھازىرلاش ئۈچۈن بېسىلغان پەقەت دەسلەپكى بىر قەدەم؛ شۇنداق بولسىمۇ، بۇ بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى كۆز بويامچىلىقنى پاش قىلىش ۋە خىتاينىڭ كۈچىدىن قورقۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاۋازىنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە ئىلھام بېرىش؛ جۈملىدىن خەلقئارا جامائەت پىكرىنى توغرا ۋە ساغلام يۆنلەندۈرۈش نۇقتىسىدىن پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە.
كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇ تەستىقى بىلەن ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە، قىممەت قاراشلىرىغا، خەلقئارا سەھنىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا مۇناسىپ بىر ئىش قىلدى. مەن، پات ئارىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭمۇ بۇ لايىھىنى تەستىقلايدىغان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىپ؛ شەرقى تۈركىستاندا تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە بايراقدار رول ئوينىشىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا بۇ قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە سۇنۇش جەريانىدا كۆپ ئەجرى سىڭگەن ماركو روبۇيو ۋە كرىس سمىت قاتارلىق بارلىق مەجلىس ئەزالىرىغا، بۈگۈن لاگىرلارلاردا، ھايات قېلىشى ئۈچۈن بىرى ئاللاھ ، يەنە بىرى تاشقى دۇنيادىن ئۈمىد كۈتۈپ يېتىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىم ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*