ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەخپىي ماتېرىيالى ئاشكارىلاندى

يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى بىر قېرىندىشىمىز ۋەتەندىكى مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق » شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەخپىي ماتېرىيالىنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە بۇ ماتېرىيالنى ئالاقىدار دۆلەت ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىش تىلىكى بىلەن مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمغا يوللاپ بەرگەن.  بۇ ماتېرىيال ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى مەلۇم  بىر خادىم بىلەن قىزى لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئانىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ، بۇ خاتىرىدە  ئۆلگۈچى  34 ياشلىق   ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ  » تەربىيىلەش»كە ئېلىپ كېتىلىپ 5 كۈندىن كېيىن لاگېردىن جەسىتى چىققانلىقى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە،خىتايچە ، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە تىللارنى بىلگەن  ئايتۇرسۇن ئېلى قەشقەرساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولۇپ ،  ئۇ تۈركىيە ۋە دۇبەيگە ساياھەتچى ئېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئېلىپ كىتىلگەن ۋە قېيىن-قىستاق بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئانىسىغا جەسەتنىڭ پەقەت يۈزىنىلا كۆرسەتكەن قالغان قىسمىنى كۆرسەتمىگەن.

يۇقىردىكى ئاۋاز ئۇلانمىسىنى چكىپ سۆھبەت خاتىرسىنى ئاڭلاڭ

بۇ خەۋەرنى تەييارلىغۇچى: خالىس مۇخبىر  ئاينىسا

Leave a Comment

*

*