رابىيە قادىر : تەيۋەننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىمنى رەت قىلىشى دېموكىراتىك بىر قارار ئەمەس

تەيۋەننىڭ ۋىزا ئىلتىماسىمنى رەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، تەبىئىكى ئەپسۇسلاندىم، بۇ ھەرگىز، مېنىڭ مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى تەيۋەن خەلقىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى. 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرغا سولىۋالغان خىتايغا بېرىلىۋاتقان جاسارەت سەۋەبىدىندۇر. شۇنداق يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقىنى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىدى، خەلقىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئىدى، 2017 -يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىۋاتقىنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق؛ بۈگۈن خىتاي دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ، يەنى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى لاگېرغا سولىۋالدى؛ لاگېرىدىكىلەر، 2 يىل بەش ئايدىن بۇيان ناچار ياتاق، ناچار ئوزۇق ۋە قىيىن-قىستاق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، كۈنىگە يۈزلەرچە ، بەلكىم مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ؛ بۇ ئۆلۈملەر پەقەت، ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئۇستىدىن بومبا تاشلانمىغانلىقى ، ئوق ئاۋازلىرى چىقمىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي ئاخباراتنى كونترول قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا، دۇنياغا يېتەرلىك بىلىنمەيۋاتىدۇ؛ ئۈن-تىنسىز ھالدا ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي بۈگۈن خەلقئارا سەھنىدە يەنە ئەركىن ئازادە ھالدا شى جىنپىڭنىڭ خىتاي چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي يەنە ب دت نىڭ يەرلىك خەلقلەر يىغىنىدا سەھنىدىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ؛ مېنىڭچە دۇنيادا ھېچبىر قاتىل ھاكىمىيەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۈگۈنىدەك، قاتىللىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە بۇ دەرىجىدە ئەركىن ، بۇ دەرىجىدە ئەتىۋارلىق بولۇپ باققان ئەمەس. دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ بىپەرۋالىقى مەيلى، بىخۇدلۇقتىن، مەيلى مەنپەئەتپەرەسلىكتىن بولسۇن خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىۋاتقان- يەنى بۈگۈن ئۇيغۇر ، قازاق، قىرغىز خەلقلىرىنىڭ لاگېرلاردا ئۇن-تىنسىز جان ئۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان بولسا، ئەتە بۇ زىيانكەشلىكنىڭ يەنە كىملەرگە بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش قېيىن ئەمەس.
مېنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىم ئەنە لاگېردا جان تالىشىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ دات-پەريادىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈنلا زۆرۈر ئەمەس ئىدى؛ يەنە تەيۋەن خەلقىنىڭ بۇ پاجىئەدىن خەۋەر تېپىشى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خۇي-پەيلىنى تولۇق بىلىپ قېلىشى ۋە ئۆز تەقدىرى ھەققىدە توغرا قارارلارنى چىقىرىشى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر ئىدى؛ بۈگۈن تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەن خەلقىنى مانا مۇشۇنداق بىر ئىبرەتلىك ھېكايىنى، ئەنە شۇ لاگېردا يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چەتئەلدىكى بىر ۋەكىلىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇردى.
تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيادە ئېھتىياتچان قارارى ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاۋاتقان ۋە بۇ ئەركىنلىكىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تەيۋەن خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتنى ۋە ئىرادىسىگە خىلاپ، بۇ قارار تەيۋەننى يۇتۇۋېلىش پەيلى ھېچقاچان بوشاشمىغان خىتاي كومپارتىيىسىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۇرىدۇكى ھەرگىز تەيۋەن خەلقىنىڭ مەنپەئەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ؛ شۇڭا بۇ دېموكراتىك بىر قارار ئەمەس.
مەن شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا سۈكۈتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى، بۇ تراگېدىيىلىك ئەھۋالغا سۈكۈتىنى بۇزۇشقا، بۇ ئارقىلىق مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*