رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى تىرامپقا يازغان خېتى

ماركو رۇبىئو قاتارلىق بىر تۈركۈم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ھۆكۈمىتىڭىزگە شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەسىس قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ماگنىتىسكىي قانۇنى بويىچە جازالاش تەلىپىنى ۋە بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بىر ئايدىن ئاشتى، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن بۇ تەكلىپ ۋە لايىھىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىن سىگنال بېرىدىغان بىرەر ھەرىكەت ياكى پوزىتسىيە ئىپادىلەنمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ب د ت يىغىنىدىكى نۇتقىڭىزدىنمۇ، شى جىنپىڭ بىلەن ئارگېنتىنادا ئۇچراشقاندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز بىزنى – ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى بىرئاز ئۈمىدسىزلەندۈردى ۋە ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى، خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىشنى دۇنيادىن ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت، ئەمما ئامېرىكانىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە‍ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ لاگېرلار ۋە ئۇنىڭدا سادىر بولۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دۇنياغا پاش بولدى. خىتاي دەسلەپتە بۇ لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇنى پەردازلاشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۆتتى. ئەلۋەتتە، بۇ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ۋەزىيەتنى ئىزچىل كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ تۆھپىسى. ئەمما لاگېرلار مەسىلىسى ئاشكارىلىنىپ بولغان ۋە خىتايمۇ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ بولغان ۋە ھەتتا بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ خىتايغا جىددىي بىر ئىنكاس، مەزكۇر جىنايەتكە قارىتا كەسكىن بىر تەدبىر بولمىسا، بۇ ئەھۋال خىتاينى جاسارەتلەندۈرۈپ قويىدۇ ۋە بۇ جاسارەتلىنىش يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول ئاچىدۇ. بىز سىزنىڭ ئەمەلىيەتچىل، جاسارەتلىك ۋە تەدبىرلىك بىر دۆلەت رەھبىرى ئىكەنلىكىڭىزنى شىمالى كورېيە مەسىلىسى، سۈرىيە ئۇرۇشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدىكى بىر قىسىم قارار ۋە تەدبىرلىرىڭىزدىن كۆردۇق. بىز سىزنى شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرىلىرىنى تاقىتىش قولىدىن كېلىدىغان بىردىن بىر دۆلەت رەھبىرى دەپ قارايمىز ۋە سىزدىن شۇنداق ئۈمىد كۈتىمىز.
يېقىندا رويتۇرۇس ئاگېنتلىقى سۈ ھەمرا كۈزىتىشى ئارقىلىق ، شەرقى تۈركىستاندا 1200دىن ئارتۇق لاگېر سۈنئىي بارلىقىنى ۋە لاگىرلارنىڭ داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىنمۇ نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيىلەرنىڭ بەزىلىرىدە نوپۇسنىڭ 70%ى، يەنە بەزىلىرىدە 50%ى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، مەھەللىلەرنىڭ ئاساسەن قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بىز بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى- نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا 2-3 مىليون كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى، 3-4 مىليون كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋاتىمىز. بىزنى ئەڭ قورقۇتۇۋاتقىنى يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى. لاگېرنىڭ ئىچىدىكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيىن-قىستاق، ياتاقتىكى قىستاڭچىلىق، ناچار ئوزۇق، ناچار داۋالىنىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن لاگىرلاردا ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئايدىن-ئايغا كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزى ياتقان 67 كىشىلىك كامىرىدىن 3 ئاي ئىچىدە 9 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقىنى پاش قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بىر خەۋىرىدە سابىق تۇتقۇن 26 ياشلىق مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ لاگېردا بىر يىل ئىچىدە ئېغىرلىقىنىڭ 64 كىلوگرامدىن 45 كىلوگرامغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بىزچە لاگېرلاردىكى 3 مىليون ئىنساننىڭ بەدەن ھالىتى شۇ شاھىدنىڭكىدىن پەرقلىق ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ لاگىرلىردا خۇددى نازى لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەندەك بىر كوللېكتىپ قەتلىئامنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق كوللېكتىپ قاتىللىق قورالى قوللىنىلمىغان تەقدىردىمۇ، لاگىرلارنىڭ يەنە بىر يىل داۋاملىشىشىنىڭ ئۆزىلا كوللېكتىپ بىر ئۆلۈمگە يول ئاچىدىغانلىقىنى يۇقىرىقى شاھىتنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن بىلىۋالالايمىز.
شۇڭا بىز سىزنى ۋە ھۆكۈمىتىڭىزنى 21-ئەسىردە يۈز بېرىش شەپىسى بېرىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ لاگېر پاجىئەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىمىز. سىزنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىڭىزدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاغزىڭىزغا ئېلىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا لاگېردىكى مىڭلارچە ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

خىتاي ئامېرىكادىن دۇنيانىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى تالىشىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ ئامېرىكا سۆيەر بىر مۇسۇلمان خەلق. بىز ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دادىل ۋە كەسكىن ئارىلىشىشىنى ھۆكۈمىتىڭىز تەكىتلەۋاتقان « ئامېرىكا بىرىنچى» شوئارىغا زىت ئەمەس، بەلكىم ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ چۈشىنىمىز. تېخىمۇ مۇھىمى بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، جۈملىدىن خەلقئ‍ارا مۇناسىۋەتلەردە بەلگىلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ مەنپەئەتنى- 3 مىليون ئىنساننىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى – قۇربان قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاگېتلىقى

Leave a Comment

*

*