خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلارنى تەكشۈرۈشكە قارىتا بىر ساختا سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى خەۋرى:

ئالدىنقى كۈنى ئاڭلىغۇچىرىمىزدىن بىرى رادىيوغا ئىنكاس يوللاپ، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى 3 ئاتالمىش تەربىيە مەركىزىدىن بىرىنىڭ تاملىرىدىكى تىكەنلىك سىمنىڭ ۋە ياتاقلىرىدىكى كامېرالارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق يېقىندا كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قارىتا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، غۇلجىدا كادىرلارنىڭ ئۆيمۇ-كىرىپ ئاھالىلەرگە ۋەزىيەت ھەققىدە گەپ ئۆگىتىۋاتقانلىقى، ئىلگىرى خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بىر قىسىم ئورۇنلارغا دۇتار قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ مودېللىرىنىڭ ئېسىلغانلىقى ؛ قەشقەردە ساقچىلارنىڭ ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرىگۈچىلەر كەلگەندە خاتا گەپ قىلىپ قالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

رادىيومىزغا كەلگەن بۇ مەكتۇپتا ئاقسۇ ئاۋاتتا 1‏-، 2‏-ۋە 3‏-تەربىيەلەش مەركىزى نامىدا 3 ئورۇندا لاگېر بارلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇلارنىڭ ئىككىنچىسىدىكى 5700 تۇتقۇندىن 2700 نى يېقىندا بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يۆتكىگەنلىكى بايان قىلىنغان. مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە بۇ مەركەز مەلۇم بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قارىتا مەخسۇس تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئىشچى–خىزمەتچى ۋە ئاھائىلىلەرنى ئەگەر بىرلىرى «ئاۋاتتا قانچە لاگېر بار دەپ سوراپ قالسا»، «بىرلا لاگېر بار» دەپ جاۋاب بېرىشكە بۇيرىغان. مەكتۇپتا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، 2 ‏-تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ تاملىرىدىكى تىكەنلىك سىملار ئېلىۋېتىلگەن، ئاتالمىش ئوقۇغۇچلار ياتىقىنىڭ ئىشىك ۋە دېرىزىلىرىگە قاپلانغان تۆمۈر تاختىلىرىمۇ ئېلىۋېتىلگەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئاقسۇ ئاۋاتتىكى ئالاقىدار ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىلاردىن بىرى يۇقىرىدىن كېلىدىغان تەكشۈرۈشكە قارىتا قانداق تەييارلىقتا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە تېلېفوندا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر خادىم ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلىۋاتقان بىرەيلەن، غۇلجىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەڭ يېقىندا ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە غۇلجىنىڭ بەزى جايلىرىدا كادىرلار ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەت قىلىپ، ئاھالىلەرگە ۋەزىيەت ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىش، نېمىلەرنى دېمەسلىك ھەققىدە گەپ ئۆگەتكەن. كادىرلار ئوچۇق ھالدا ئاھالىلەرگە پات يېقىندا بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كېلىدىغانلىقى، بۇ گۇرۇپپا كەلگەندە گەپ-سۆزىگە ئىنتايىن پەخەس بولۇشى كېرەكلىكى، ئەگەر گەپتىن كېتىپ قالسا ئۈچ ئەۋلادقا قەدەر چېكىت ئۇرۇلۇپ نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنە بۇ تىجارەتچىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىۋاتقانلاردىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر كەنت ئىشخانىسى ۋە قورۇلىرىدىكى بىر قىسىم قىزىل بايراقلار ئورنىغا دۇتار ۋە تەمبۈر قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ مودېللىرىنى ئاسقان. ئاھالىلەرنى ئۇسۇل ۋە ناخشا مەشق قىلغۇزۇپ تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە كەيپىياتىنى قىزغىن ۋە ئۈستۈن تۇتۇشنى، بىچارە ياكى غەمكىن كۆرۈنمەسلىكنى تاپىلىغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلەر تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە نېمىلەرنى دېيىشنى بىر قەغەزگە يېزىپ كۆرسىتىپ، ئاھالىلەر ئۇنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن قەغەزنى يىغىۋالغان.

قەشقەر قاغىلىقتىكى بىر ساقچى خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىن كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈشتىن خەۋىرى ۋە بۇنىڭغا قارىتا تەييارلىقى بارلىقىنى ئېيتتى؛ ئەمما ئۇ بۇ تەييارلىقنىڭ تەپسىلاتىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇنلاردىن تەكشۈرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. قەشقەر يېڭىشەھەردىكى يەنە بىر ساقچى خادىمى نۆۋەتتە ساقچىلارنىڭ كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈشكە قارىتا جىددىي بىر تەييارلىقتا ئىكەنلىكىنى پاش قىلىش بىلەن بىرلىكتە؛ بىر قىسىم لاگېرلاردا تىكەنلىك سىملارنىڭ ۋە ياتاقلاردا كامېرالارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىممۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى ۋە قاچان كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تېخى مەلۇماتۇ يوقلۇقىنى، بۇ ھەقتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭلا مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر رايونىدا دائىرىلەرنىڭ يېقىن مەزگىلدە كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈچۈن سۈنئىي سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى؛ ئەمما كېلىدىغان بۇ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

مەنبە» ئەركىن  ئاسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*