تۇرمۇھاممەت ئەپەندىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدە

ھۆرمەتلىك تۇرمۇھەممەت ئەپەندىمگە:

مەن 2017يىلىدىن باشلاپ تۇرمۇھەممەت ئەپەندىمنى مىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلىم دەپ بېكىتكەن .2018-يىلى9-ئاينىڭ29-كۈنى پارىژدا ئېچىلغان شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ،خەلقئارالىق15 تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى .شۇ سەۋەبتىن مەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىمۇ بىلەن ،تۇرمۇھەممت ئەپەندىمنى ئۆز مەسئۇلىيەتنى مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختىتىشنى قارار قىلدىم .
چۈنكى مېنىڭ ۋەكىلىم باشقا تەشكىلاتلاردا خىزمەت ئالسا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشقا تەسىر يېتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇھەممەت ئەپەندىمنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى قارار قىلدىم .

ھازىردىن باشلاپ تۇرمۇھەمەت ئەپەندىمنىڭ مېنىڭ ياپونىيە دىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختاتتىم .بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇھەمەت ئەپەندىمنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى

رابىيە قادىر

2018-يىلى10-ئاينىڭ29-كۈنى

Leave a Comment

*

*