رابىيە قادىر ئشخانىسى 50 دۆلەت ئەلچىخانىسىغا خەت يازدى!

رابىيە قادىر ئشخانىسى 50 دۆلەت ئەلچىخانىسىغا خەت يازدى!

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15كۈنىگىچە ،رابىيە قادىر ئشخانىسى سياسى تەسرى،ئېقتسادى كۈچى كۈچلۈك بولغان 50 دۆلەتنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى باش ئەلچىسىگە ئېمەيىل ۋە خەت ساندۇقىدىن خەت يېزىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى .

مەزكۇر خەت مەزمۇنى :ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ،خەۋەرلەر توپلىمى ،ختتاي جازا لاگىرى دوكلاتى ۋە بۇ دۆلەتلەردىن كۈتۈلىدىغان تەلەپلەر  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپى قىرغىنچلىققا دۇچ كىلىۋاتقانلىقى جانلىق پاكىتلار ،خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مدىيا خەۋەرلىرى،مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ دوكلاتلىرى ،شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ،مەزكۇر دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بىرىشقا چاقىرىق قىلىنغان.

دوكلات،مېدىيا،تەلەپ ھۈججەتلىرى دوكۇمنىتلىرى بىتەرەپ پىداكار زىيالى ياشلار تەرىپىدىن تەييارلانغان.

Leave a Comment

*

*