ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىسى: رابىيە قادىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارشى ئاچلىق ئېلان قىلماقچى!

خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ لىدېرى بېجىڭنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ .

ئاچقۇچلۇق نۇقتىلار:

*رابىيە قادىر خىتايدا سەككىز يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئالتە يىل تۈرمىدە ياتقان.

*بېيجىڭ شىنجاڭ (ش ت -ت )دىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرقانداق ئىنسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكنى ئىنكار قىلماقتا.

*رابىيە قادىر خانىم ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئاۋسترالىيەگە كېلىشنى پىلانلىماقتا.

رابىيە قادىر،  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ -خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان تۈرك ئاز سانلىقلىرى- خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان رەھبىرى بولۇپ، ئۇ ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى دۇنيا پروگراممىسىغا ئۆزىنىڭ بۇ كەسكىن ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ئازابلىرىغا دىققەت تارتىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتاي مىنىڭ ئاۋازىمنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن 37 كىشىنى مەجبۇرى قاماققا ئالدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىنىڭ بەش بالام،  مىنىڭ نەۋرىلىرىم،  سىڭىللىرىم ، ئىنىلىرىم ۋە باشقا تۇغقانلىرىم بار».

«ئۇلار يوقاپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى، خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەممە ئۇسۇلنى قوللانماقتا».

«مىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىملا ئەمەس، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار – ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالماقتا «.

«مەن ئاچلىق ئېلان قېلىشىمنى تاكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا بارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ زوراۋان ۋە ۋەھشىي سىياسىتىگە قارشى دەس تۇرغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمەن».

«بارلىق دىنى كىتابلار يىغىۋېلىنىپ، كۆيدۈرۈلگەن».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 1997-يىلى دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن سەككىز يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2005-يىلى داۋالىنىش سەۋەبىدىن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا قويۇپ بېرىلگەن.

ھازىرمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ياشاۋاتقان رابىيە قادىر خانىم دۇنيا بويلاپ قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقاتماقتا ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىنى  خىتاينىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرى بىلەن يۇماقتا دەپ ئەيىبلەيدۇ.

«بارلىق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ، مىللەتچىلىك قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا»

بارلىق دىنى كىتابلار، قۇرئان ، ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار ھەممىسى مۇسادىرە قىلىنىپ ، كۆيدۈرۈلدى.

خىتاي رەسمىي يوسۇندا، دىنى ھوقۇق ئەركىنلىكىنى قانۇنى جەھەتتە كاپالەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا دىنى ئاشقۇنلۇق دەپ قارايدىغان نەرسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

ئۆتكەن يىلى بېجىڭ «بىنورمال ساقال»قويۇشنى، ئاممىۋى سورۇنلاردا «ھىجاپ»لىق كىيىنىشنى ، دۆلەت تېلېۋىزىيىسى كۆرۈشنى رەت قىلىشنى چەكلىدى.

خىتاي:ئۇيغۇر لىدېرى «تېررورىزم»غا چېتىشلىق .

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «تېررورىستلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە ئېكستىرمىزىمچىلار (ئاشقۇنلار)بىلەن چېتىشلىق دېگەندە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى داۋاملىق ھالدا رابىيە قادىر رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2009-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوزغىلاڭغا ئوخشاش بىر قاتار قوزغىلاڭلارغا مەسئۇل بولۇشنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي گېزىتى:»رابىيە قادىر بىر چاغلاردا مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرىدىغان بىر ۋەقە پىلانلايدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان «.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى بولغان شىنجاڭ (ش ت- ت )دا يۈزلىگەن كىشىلەر ئۆلگەن بولۇپ، بېجىڭ ئسلامچى قوراللىق كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچىلەرنى ئەيىبلىگەن.

بىراق ھۆكۈمەت شىنجاڭ ( ش ت – ت )دا ھەر قانداق دەپسەندىچىلىكنى كۈچلۈك ئىنكار قىلدى ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى، مەدىنى ، دىنى ھوقۇقلىرى تولۇق قوغدالماقتا دەپ چىڭ تۇردى.

رابىيە قادىر پات ئارىدا ئاۋسترالىيەگە كېلىدۇ .

رابىيە قادىر خانىم ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە فېدېراتسىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەگە مۇشۇ يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق زىيارەت قىلىدۇ.

«مەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن «دەيدۇ رابىيە قادىر.

» مەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى 2500 دىن كۆپرەك ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دەيدۇ رابىيە قادىر.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكەن ئايدا كانبىررانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ( ش ت -ت )دىكى ھەرىكىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر توغرىسىدا تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىپ نامايىش ئىلىپ باردى.

بىراق ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ  يېقىنقى زىيارىتىدە ، ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەن.

ئەمگەك پارتىيىسى پارلامېنت ئەزايى مايكىل دانبوي -رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بىردىنبىر سياسەتچى-يېقىندا سدنى سەھەر مىراسى گېزىتىگە ھۆكۈمەت رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىنى ئاڭلىشى كېرەك -دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ مۇنداق دېگەن:»مېنىڭچە ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىپ قويمىغانلىقى بىر نومۇس قىلارلىق ئىش، ھېچبولمىسا دىپلوماتىك نۇقتىدىن ياكى بولۇۋاتقان ئىشلار ھەققىدە ئاخباراتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق » ، «ئۇلارنىڭ قەدىمى مەدەنىيىتى ۋە تارىخى خۇددى تىبەتلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇلماقتا ، بۇ ئاز سانلىقلار مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا كاپالەت بەرگەن جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ».

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكادا ئاچلىق ئېلان قىلىش ئورنى ئىجازىتى ئۈچۈن ساقلاۋاتىدۇ.

مەنبە: ABC تېلىۋىزىيسى

Leave a Comment

*

*