رابىيە قادىر خانىم: دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە تەكلىپ

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم،  دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى:

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن قەدەم تاشلىغانلار  ( مەدەنىيەت،  مائارىپ، كىشىلىك ھوقۇق، مۇستەقىللىق دېگەندەك نام بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلار) ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەقسىتى خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىل بۇلىشىدۇر. لېكىن، بىز ھازىر ھەممىمىز ئورتاق بىر مەقسەت بىلەن كۈرەشكە ئاتلانمىساق بولمايدىغان بىر دەۋرگە كىردۇق. مەن شۇڭا ھەممىڭلارغا بۇ چاقىرىق ۋە يول يۇرۇقۇمنى يېزىۋاتىمەن.

تەكلىپىم، ئالدى بىلەن ھەرقانداق دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلار  ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى ھەرىكەت نىشانىنى بەلگىلەش كېرەك. بولۇپمۇ تۈركىيەدىكىلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشقا ئىگە ۋە ئوخشىمىغان يول تۇتقان تەشكىلاتلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، زىددىيەت بولغان بولسا بىر- بىرىنى كەچۈرۈپ، ئورتاق بىر ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ مۇمكىنچىلىك بولمىغان ئەھۋالدا، چوقۇم بىزنىڭ يېتەكلىشىمىز ئاستىدا ھەر ۋاقىت بىزدىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇرسۇن، بىز مەسلىھەت بېرىپ تۇرمىز،  بىز بىلەن ئورتاق ھەركەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداشلار، ئۆز دۆلىتىىنىڭ سىياسىتىگە ماسلاشقا ۋە بويسۇنغان ئاساستا، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ  يەرلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شۇ ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى ئالاقە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ، دىنى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ  ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى كېرەك.

بۈگۈن  خەلقىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇشىمىزغا، ۋەتەندىكى ۋە يىغىۋېلىش كامپىدىكى قېرىنداشلىرىمىز قۇتۇلدۇرۋېلىشىمىزنى كۈتۈپ تۆت كۈزى بىلەن قاراپ تۇرماقتا. ھەر بىر ئۇيغۇر ۋەتەن ئىچىدە ئازاب تارتىۋاتقانلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، بىز ئۇلارنى قانداق قۇتۇلدۇرىمىز دېگەن ئىدىيىگە كېلىشى كېرەك.

شۇنداقلار، تەشكىلاتلار پۈتۈن دۇنيانى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا پۈتۈن دۇنيانى ئاياقتا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇنيا بويىچە بىرلىكتە  ئاياقتا تۇرۇشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ياۋروپادىكىلەر جىددىي ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ھەم شۇنىڭ ئىچىدە….

ئەرەبىستانمۇ بىزنىڭ ئىسلام دىنى ئېتىقادىمىزنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ئىكەن، ئىسلام دۇنياسىنى قوزغاش كېرەك، ھەرىكەتكە ئۇتۇشى كېرەك.  قىسقىسى، قورقۇش بىلەن جان بېقىشنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك

ئەمدى ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىمىز ئۈچۈن تەۋسىيىلىرىمىزنى تۆۋەندىكىدەك بېرىمىز:

ھەر بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلار ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ پارلامېنتىغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتقا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ئۈسىدىن ئەرز ئاپىرىشى كېرەك ، ئاپىرىدىغان ئەرزلەرگە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورتاق ئىمزا ئاتقۇزىشى كېرەك. بىر قېتىم ئىككى قېتىم بېرىپ قۇيۇپ بۇ ئىشتىن نەتىجە ئالغىلى بولمايدۇ، بىر قېتىم بارغان ئىكەن، ھەر ئايدا بېرىپ كۆرۈشۈشنىڭ نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.

ھەم ئۆزى تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى قۇيۇۋېتىش توغرىلىق بايانات بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك، ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا بۇ ھەقتە ئاشكارە خەت يېزىشى كېرەك.

ياشلار، ھەر  بىر دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ياشلار، شۇ يەردىكى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى تەيىنلەپ، قانچىلىك ئادەم بىرلىشەلىسە، شۇنچىلىك ئادەم بىرلىشىپ،  بارلىق ئۇيغۇر ياشىلىرىنى قوزغاش كېرەك. ياشلار، ئۆزى ئۇقۇۋاتقان مەكتەپتە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوزغاش كېرەك.

ئىشلەۋاتقانلار، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىدارە جەمئىيەتتىكى خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىرىنى قوزغاش كېرەك.  بىز ئۆلچەملىك خەتلەرنى يېزىپ قۇيىمىز،  مۇشۇ خەتكە ھەممە خەلق، قوشنا خۇلۇملارنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ، ئۇنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتىش كېرەك.

ھەر بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى شۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقان ئاياللار، بالىلار، ئاتىلار، ياشلار، تەشكىلاتلار بىرلىشىپ، مىليونلىغان ئادەملەر بىلەن بىرلىكتە ، ئۇيغۇرلارغا، شۇ يەردىكى تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە بېسىم قىلىپ، ھۆكۈمەتكە خىتايغا قارشى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇشقا بېسىم قىلىشى كېرەك.

خەلق قوزغالسا ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىدۇ. تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيامۇ ئوخشاش شۇنداق قىلىشى كېرەك.

بىز ئۆلچەملىك يازىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ تەييارلىدۇق، بۇنى ھەممىڭلارغا ئەۋەتىمىز، بۇنى شۇ ئۆلچەم بويىچە ، سۆزلەيدىغان سۆزۈڭلارنىمۇ شۇ شەكىلدە قىلىپ تەييارلىساڭلار بولىدۇ.

ھەممىڭلار ئوزۇڭلار تۇرۇۋاتقان يەردىكى خەلقلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بۇنى يەتكۈزسەڭلار ۋە مۇشۇ ئاساستا گەپ قىلساڭلار بولىدۇ. ھۆكۈمەتكە، كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا  ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر بىر تەشكىلات بولسا ئۆزۈڭلار  قوللانما ئىشلەڭلار. ئىمكان بارىچە مۇخبىرلارنى قوزغاڭلار،  ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى قوزغاڭلار.

بىز پاكىتلار بىلەن سىلەرگە ئۇچۇرلارنى  قۇلىمىزدىن كەلگىنىچە تەمىنلەپ بەردۇق. سىلەرمۇ توپلىغان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ  كەم بولۇپ قالغان يەرلەر بولسا يەنە تولۇقلىساڭلار بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھازىر يەتكۈچە كۆپ. ھەممىڭلار دەرھال ئۆزەڭلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى، ئۇرۇق تۇققانلىرى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۇلارنىڭ، شۇنداقلار ئۆزەڭلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىڭلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ،  دەرھال سىلەر تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھۆكىمەت ئۇرۇنلىرىغا ئاپىرىپ ئەرز سۇنۇڭلار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھۇقۇق كومىتىتى، خەتەر ئەستىدىكى مىللەتلەت تەشكىلاتى، كىشىلىك ھۇقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىقلار بىز زىچ ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى ھەتكەتكە كەلتۈرسەك بۇلىدىغان ئۇرۇنلاردۇر.  ئۇلارغا داۋاملىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى بايانات ئىلان قىلپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىشىڭلار كېرەك.

ھەم، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھازىر ئولتۇرسا يۈگۈرىدىغان ۋاقتى، بىر ناننىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەندىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىدىغان ۋاقتى . ھەر بىز ئۇيغۇرنىڭ ھازىر شىھىتلەرنىڭ ، تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى باقىدىغان ۋاقتى.   ئۈچ ۋاق تاماققا قورسىقىمىز تويسىلا، قالغىنىنى بىز خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلايلى. بىز بۈگۈن يىغىۋەلىشتىكىلەرنى ۋە تۈرمىدىكىلەرنى خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ ئالالمىساق، ئۆزىمىز تەڭ تۈگەيمىز، روھىمىز، ئەۋلادىمىز تۈگىشىدۇ.  بىزدىن چەتئەللىكلەرمۇ، تارىخمۇ نەپرەتلىنىدۇ، ئەۋلادلىرىمىزمۇ نەپرەتلىنىدۇ،  ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خەلقىمۇ نەپرەتلىنىدۇ. شۆھرەت، تالاش تارتىش، بىر بىرىمىزگە دولا چىقىرىشنى ، ھەممىنى تاشلايلى خەلق ئۈچۈن، ھېچ ئىشقا ۋاقتىمىز يوق،  بىر كۈن كېچىكسەكمۇ كېچىكىمىز.

ھەممە مەسىلىنى  بىرلا ۋەقىتتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەستىن،  ئاۋال  ھالقىلىق،  ھازىرقى كىشىلىك ھۇقۇق ۋە مۇناسىۋەتلىك پىرنىسىپلارغا خىلاپ بولغان بىر مەسىلىنى تۇتقا قىلىپ، توختىماستىن مۇشۇ مەسىلىنى تەكىتلەپ ۋە مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش باسقۇچلىرىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ،مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىق.   بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال،   بارلىق كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە قۇيىدىغان بىرلا شەرت، تەربىيلەش مەركەزلىرىنى  بىكار قىلىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش. ھازىر  مۇشۇ مەسىلە ئىچىدە توختىتايلى، ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە يىغىۋېلىشنى بىكار قىلىش، ھەم ئۇلارنىڭ ھەممىنى تارقىتىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەسىلىنى خەلىقئارادا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىلەيلى.  مۇشۇ مەسىلە بىلەن بىرلىكتە، يېقىندا خالىغانچە بىگۇناھ كەسكەنلەرنى بىلگىنىمىز بۇيىچە ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، ( بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ مەيلى)، شۇنى ھەل قىلىدىغان مەسىلە سۈپىتىدە كۈنتەرتىپىمىزدە تۇرغۇزۇپ، ئۇلار قۇيۇپ بېرىلمىگىچە شۇ ئادەمنىڭ مەسىلىسىنى ھەممە يەردە تىلغا ئېلىش، شۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرزنى بۇشاشتۇرۇپ قويماسلىق.

بىز تەلەپ قىلساق بەك جىق،  لېكىن ھەممىنى قىلساق مەسىلە ھەل بولمايدۇ، ئاۋۋال مۇشۇ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلايلى قالغانلىرى تەدرىجىي ھەل بولىدۇ.

(مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا دىيىلىدىغان گەپلەر ئايرىم يازما شەكىلدە سىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.)

ھۆرمەت بىلەن:

رابىيە قادىر

 

Leave a Comment

*

*