خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنماقتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پاسپورتىنى ئومۇميۈزلۈك يىغىۋالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساقچىخانىلار ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، يېقىندا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ياكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭمۇ يىغىۋېلىنىشقا باشلىغانلىقى دەلىللەندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئارقا-ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يەنە يىغىۋالغان ئىدى. بۇ ھەقتە ماناس، قۇمۇل، ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونى، شىخەنزە قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر چىقارغان پاسپورتلارنى يىغىش ئوقتۇرۇشلىرىدا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە پاسپورتىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ پاسپورتىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلىدىغانلىقى ياكى پاسپورت ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر يىغىۋالغان شەخسي پاسپورتلارنىڭ قاچان قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ساقچى ئورۇنلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزگە كۆرە پاسپورت يىغىشنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان، سودا ۋە باشقا ئىشلار بىلەن تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پاسپورتلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەلۇم داڭلىق ئونۋېرسىتېتنىڭ بىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات يەتكۈزدى. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى پاسپورتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئەزەلدىن نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقاندىن ئىكەن. خىتايدا 19-قۇرۇلتاي ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنى ئۆتكەن ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پاسپورتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان. بۇ ئوقۇغۇچى ھەتتا يۇرتىدىكى ئائىلىسى جايلاشقان ئورۇندىن ۋە ساقچىخانا خادىملىرىدىن پاسپورتىنى دەرھال تاپشۇرۇش ھەققىدە تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالغان. 3 كۈندىن كېيىن دادىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلگىنىدىن خەۋەردار بولغان ھەمدە ئۆزىگىمۇ خەتەر يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، خوڭكوڭ ئارقىلىق ئاسىيادىكى بىر دۆلەتكە قېچىپ بېرىۋالغان ئىكەن.

بۇ ئوقۇغۇچى يەنە ئۆزىلا ئەمەس، باشقا شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دوستلىرىدىنمۇ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بۇ قېتىملىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلارنى يىغىش ھەرىكىتى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا زور ئەنسىزلىك قوزغىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى دوۋدىيەن ساقچىخانىسى خادىمىنىڭ رادىيومىزغا بەرگەن بايانلىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ پەقەت « شىنجاڭ»، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلەرگىلا قارىتىلغانلىقى دەلىللەندى.

-بۇ ساقچىخانىمۇ؟
-نېمە ئىش؟ دوۋدىيەن ساقچىخانىسى

-مەن شىنجاڭلىقلار پاسپورتىنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىشى شەرت ئىكەن دەپ ئاڭلىغان. نەگە تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلەي دېگەن.
-ھە، شۇنداق. پاسپورتى بارلارقايسىي رايوندا ئولتۇرۇشلۇق بولسا شۇ جايدىكى ساقچىخانىغاغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك.

-ئەگەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى بولسا نەگە تاپشۇرىدۇ، مەكتەپكىمۇ؟ ساقچىخانىغىمۇ؟
-بەزى ئالاھىدە توپلۇقلارغا تەۋەلەر ھەممىسى تاپشۇرۇش كېرەك بىلدىڭىزمۇ؟ مەكتەپتە بولسا مەكتەپكە تىزىملىتىش كېرەك.

-شىنجاڭ تەرەپكە تاپشۇرمىسىمۇ بولامدۇ؟
-باشتا تىزىمغا ئالدۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش كېرەك، مەسىلىگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

-ئەگەر پاسپورتىنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولسا قاچان ئالالايدۇ؟
-بۇ تەرەپنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. ئەگەر مەسىلە بولماي نورمال بولسا، كېرەك بولغان چاغدا قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. لېكىن تاپشۇرۇپ بەرمىسە بەرىبىر چېگرادىن چىقىشتا ئىشلىتەلمەيدۇ. بىلدىڭىزمۇ؟

-نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭكىنىلا يىغىۋاتىدۇ؟
-ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان دېدىمغۇ، بۇ يەرلىكنىڭ باشقۇرۇش سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇنى چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن.

-ئەگەر پاسپورتنى تاپشۇرمىسىچۇ؟
-تاپشۇرمىسا، شىنجاڭغا يولغا سالىدىغان گەپ، تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئادەمدە مەسىلە بولماي قالامدۇ؟ ئۆيىگە قايتۇرۇلىدىغان گەپتە. ئەمدى چۈشەنگەنسىز.

ساقچىنىڭ « نۇقتىلىق كىشىلەر توپلۇقى» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىما قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقسىز بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ كىملىكى» بارلارنى كۆرتسىتىۋاتقانلىقى ئېنىق بولدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەنلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى قايتىدىن تۇيۇقسىزلا يىغىۋېلىشغا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ ھەقتە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە پاسپورت ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەن بولساقمۇ، سوئاللىرىمىز جاۋابسىز قالدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن خىتاينىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ كېڭەيگەنلىكى شۇنىڭدەك ھەتتا چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق پاسپورتىنى ئۇزارتىش ئىشلىرىغىمۇ چەك قويۇلغانلىقى بىلىنمەكتە. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ۋە سەپەر ئەركىنلىكى چەكلىنىپلا قالماي، ئوقۇش ۋە سودىسىغىمۇ زور توسالغۇ پەيدا بولغانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەھدىت ۋە تۇتقۇنغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنكى پېشكەللىكلەردىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. ھەتتا ئۇلار قايتىپ كېتىشتىن ۋاز كېچىشىگە مەجبۇر بولماقتىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تەھدىتلىرى ئاستىدا يۇرتىغا قايتقان بولسىمۇ، خىتاي چېگراسىدىن كىرگەن ھامان ئايرۇدرۇمنىڭ ئۆزىدە غايىب بولۇۋاتقانلىقى ياكى تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارا بولغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*