رابىيە قادىر: خەلقئارا جامائەتنى تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە دەۋەت قىلىمەن

( ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى قاچقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۆل بۆلۈغشكە چاقىرىمىز )

20 ئۇيغۇرنىڭ تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقانلىق خەۋىرىدىن، بولۇپمۇ بۇ قېچىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپىدىن چۆچۈدۇق. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پاسپورت يوق. ئۇلارنىڭ خۇددى ئىلگىرىكى كامېرداش ياكى سەپەرداشلىرىغا ئوخشاش خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن قورقۇپ ۋە ياكى تايلاندتىكى لاگېرنىڭ شارائىتىنىڭ ئېغىر ناچارلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىدىن قاچقانلىقى ، يەنى تەقدىرىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇتقۇزۇشتا يەنە بىر تەلەي سىناپ بېقىۋاتقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەمما سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن بۇ خەتەرلىك بىر تاللاش شۇڭا بىز بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز. چۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنى تۈركىيە پۇقراسى دەپ تونۇشتۇرسا خىتاي تەرەپ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. مەيلى ئۇلار ئۆزلىرى دېگەندەك تۈركىيە پۇقراسى بولسۇن، مەيلى خىتاي دېگەندەك خىتاي پۇقراسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ بۈگۈن ئېغىز جازالىنىشىغا يېتەرلىك سەۋەب.ئۆتكەنكى قېتىم خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلۇقنىڭ تايلاند ئايرىدۇرىمىدىلا خىتاينىڭ تېررورىست مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى، خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن بېرى ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئاقىىۋىتىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى دۇنياغا ئايان. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقى تۈركىستاندا چېن چۈەنگە دەۋرى باشلاندىن بۇيان ئاتالمىش جىنايەت گۇماندارلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى گەۋگىلىكرەك ئىپادىلەنگەن ھەقانداق بىر ئۇيغۇر «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى تۈرمىلەردە. مىسىردا ئوقۇشقا كەلگەنلىكى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار   ، تۈركىيەگە پەرزەنتىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە كانادا ۋەتەندىشى ھۈسەيىن مۇددەتسىز كېسىلىشى قاتارلىق ئىبرەتلىك مىساللار، بۇ 20 ئۇيغۇر خىتايغا قايتىۇرۇلغان تەقدىردىكى ئاقىۋەتتىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇتۇلىدىغانلىقى ئېنىق؛ بىز تايلاند ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى، بۇ 20 ئۇيغۇردىن ھەرقانداق بىرسىنى تۇتقان تەقدىردە، خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىشىغا، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشتەك پاجىئەلىك بىر قاراردىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنى، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، بۇ 20 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنى ئىزچىل كۆزىتىشكە، يۈز بەرگۈسى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

Leave a Comment

*

*