تەربىيىلەش مەركىزى ئوقۇتقۇچىسى: كۇرسانتلىرىمىز ئارىسىدا خەنزۇلار يوق

ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى مۇخبىرى غۇلجا ناھىيىلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ 1998-يىلىدىن 2016-يىلىغا قەدەر بولغان 18 يىللىق ھاياتىدىكى سىياسىي قىلمىشىدىن ھېساب بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن مەزكۇر كۇرس ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى، مەزكۇر مەركەزدە سولىنىپ تەربىيىلىنىۋاتقان 1500 ئەتراپىدىكى كىشى ئارىسىدا خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىرمۇ كىشىنىڭ يوقلۇقىنى پاش قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە بەرگەن ئىزاھاتىدا، كۇرسنىڭ مەقسىتى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بولغاچقا، كۇرسانتلار ئارىسىدا خەنزۇلار يوقلۇقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كۇرسانتلىرى ئەتىگەنلىك مەشغۇلاتىنى «بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى» دەپ باشلايدىغان بۇ مەركەزدە 18 يىللىق قاماق جازاسىنى تۈگىتىپ بولغان، ئەمدىلا ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان سابىق 5-فېۋرال مەھبۇسلىرىدىن تارتىپ، گەپتىن كېتىپ قالغان دۆلەت كادىرىغىچە ۋە ھەتتا مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئادا قىلمىغان كومپارتىيە ئەزاسىغا قەدەر ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىكى كىشىلەر مەۋجۇت ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش كۇرسانتلارغا سىياسىي قانۇن ۋە خىتاي تىلى دەرىسى ئاساسلىق ھالدا بېرىلگەندىن باشقا، ئارىلاپ كەسپىي تېخنىكا ساھەسىدىنمۇ لېكسىيەلەر سۆزلىنىدىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» غۇلجا ناھىيىسىدە 2014- ۋە 2015-يىللىرى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلغان؛ بۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ كېڭەيتىلگەن، بۇ يىلغا كەلگەندە سىنىپ سانى 40 نەچچىگە يەتكەن.

ئەجەبلىنەرلىكى، بۇ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر بىرمۇ كىشى كۇرسنى پۈتتۈرۈپ باقمىغان؛ پەقەت ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلارلا، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن كېيىن، بۇ كۇرسىدىن ئايرىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

تۇتۇلغان ۋاقتى، ئورنى سەۋەبى ھەر خىل بولغان بۇ 1500 ئەتراپىدىكى ئاتالمىش كۇرسانتنىڭ ئورتاق نۇقتىسى مىللىتى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىرمۇ كىشى يوق ئىكەن.

يۇقىردا غۇلجا ناھىيىلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى

Leave a Comment

*

*