«كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ كۇرسانتى: بېشىمغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ئېلىپ كېلىندىم

غۇلجا ناھىيىسىدە كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيىلەش نامى ئاستىدا ئېچىلغان يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي كېسىلگەن ھالەتتە  مەجبۇرىي تەربىيىلىنىۋاتقان بۇ 1500 ئەتراپىدىكى كىشىگە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىن باشقا، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاكتىپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭمۇ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرىنىڭ تېلېفونىمىزنى سۇنۇپ بېرىشى بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بىر كۇرسانت، ئۆزىنىڭ بۇ تەربىيىلەش مەركىزىگە بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ئەكىلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى بۇ ئاتالمىش تەربىيىسىنى «1500 ئاھالىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش » دەپ ئەيىبلىدى.

غۇلجا ناھىيىسىدە 1500 كىشىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ تاشلىغان، مىڭلارچە ئائىلىنى پەرىشان قىلغان، بۇ ئاتالمىش كەسپىي ماھارەت تەربىيىلەش مەركىزىدە كىملەرنىڭ، قانداق رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە، غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تەربىيىلەش مەركەزلىرىدىن بىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ۋەزىپىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى كادىرلاردىن باشقا، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاكتىپ پارتىيە ئەزالىرى بۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت ئىشلىمەكتە.  مەزكۇر خانىم، بۇ مەكتەپنىڭ بىر كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى ئىكەنلىكىنى ھەرقانچە مەدھىيىلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر قاماقخانا ئىكەنلىكى، ئەنە شۇ مەركەزدە تەلىم ئېلىۋاتقان بىر كۇرسانت تەرىپىدىن دەلىللەندى.

كۇرسانت ئۆزىنىڭ بۇ مەكتەپكە، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ئەكىلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ غۇلجا ناھىيىدىكى بۇ قىلمىشىنى «1500 ئاھالىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش» دەپ ئەيىبلىدى. پەرھات مۇھەممەت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەنبە: ئەركىن  ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*