ئەنۋەر توختى: «خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار!»

خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى خەلقئارادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىدە ئىزچىل تۈردە قىزىق نۇقتىلاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىلگىرى بۇ خىلدىكى ئىچكى ئەزالارنى سۇغۇرۇۋېلىش ئوپېراتسىيەسىگە بىۋاسىتە قاتناشقان سابىق دوختۇر ئەنۋەر توختى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ بۇ خىل تىجارەتنىڭ ئوبيېكتى بولغان بولسىمۇ، بۇ ھادىسىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدە ئۇنچىۋالا روشەن بىلىنمەيۋاتقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى (CNN) 2016-يىلى 24-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئادۋوكاتلار، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس بىر گۇرۇپپىنىڭ خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى سودىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغالدى. چۈنكى مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى شۇ كىشىنىڭ رۇخسىتىسىز مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ كېتىلگەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرى شۇ كىشىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ تۇرۇپ ئېلىۋېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن خالىس ئىچكى ئەزا تەقدىم قىلىشتەك ئالىيجانابلىق خىتايدا ئۆتكەن يىگىرمە-ئوتتۇز يىلدا ئىنتايىن رەزىل بولغان بىر تۈرلۈك «ھاياتلىق سودىسى» غا ئايلىنىپ كەتكەن. مەزكۇر دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خىتاي كومپارتىيىسى، تېببىي ساھە، دوختۇرلار ۋە دوختۇرخانىلار بۇ جەھەتتە بىر تاۋاقتىن ئاش يەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايدا يىلىغا تاماملىنىدىغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى تەخمىنەن ئون مىڭ ئەتراپىدا، دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان دوكلاتتا بۇ ساننىڭ 60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتايدا ھەر يىلى مىڭلىغان ئادەملەر مەخپىي ئۆلتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن سۇغۇرۇۋېلىنىدۇ. ئۇنداقتا كىملەر ئۆلتۈرۈلىدۇ؟ بۇلار ئاساسەن دىنىي ۋە مىللىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، مەخپىي رەۋىشتىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى ۋە خىتايدا مەنئى قىلىنغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىدۇر.»

ھازىر ئەنگلىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەنۋەر توختى ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە مۇشۇ يەردە تۇنجى قېتىم تىرىك ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ 1998-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتى، كانادا، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىغا قاتناشقان. ئۇ ئۆتكەن ئايدا ئىسرائىلىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى ھەققىدە «خىتاي تىلىنىڭ لۇغىتىدە ‹ئەخلاق› كەلىمىسى مەۋجۇتمۇ؟» ماۋزۇلۇق دوكلات بەردى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەنۋەر ئەينى ۋاقىتتا يېرىم ھەربىي تۈزۈم شەكلىدىكى مەزكۇر دوختۇرخانىغا يېڭىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان مەزگىللەردە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان بىر قېتىملىق ئىچكى ئەزا سۇغۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالماي كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئېتىۋېتىلگەن ئۇ كىشى تېخى تولۇق ئۆلمىگەن بولسىمۇ، مەسئۇل دوختۇر ئەنۋەر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا تېزدىن شۇ مەھبۇسنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىشنى بۇيرۇغان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ.

ئەنۋەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان 1990-يىللىرىلا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ مەلۇم مەزگىل قانۇن ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ياش پەرزەنتلىرىنىڭ بىنورمال جىسمانىي ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭ تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورىغان. نەتىجىدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ بەدىنىدە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئوپېراتسىيەدىن قالغان تارتۇق ئىزلىرى بايقالغان.

ئەنۋەر توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل تۈردە قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى رەزىللىكى ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلارنى تەجرىبە قىلىش بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، خەلقئاراغا دۆلەت نامى بىلەن تونۇلماسلىقى، شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ھەممىلا ئادەم بىلىدىغان چوڭ مىللەت بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ھەرقاچان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاشۇ قىسمەتلەر خىتاي دۆلىتىدىكى ۋەقەلەرگە باغلاپ قويۇلغان. يەنە بىر ياقتىن خىتايدا فالۇنگۇڭچىلار باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە غايەت زور ھەجىمدە خەۋەرلەر بېرىلىپ، شۇ قاتاردا فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزا تىجارىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئادەم ئورگانلىرى سودىسىدا مۇپتىلا بولغان قىسمەتلىرى كۆمۈلۈپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتى ھەققىدىكى قاتتىق بېسىمىغا قارىتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇنى ئىنكار قىلىش مۇئامىلىسىدە بولۇۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى بۇ قىلمىشنىڭ ھېلىمۇ كەڭ مىقياستا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*