دئۇق باياناتى : ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسىگە ئەسلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز !

  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خەلقئارادىكى ئالى دەرىجىلىك ۋەكىللىك ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيىدە ئىستانبۇل شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىپ تۇرىۋاتقان مەشھۇر ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ۋە دىنىي ئالىمى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمنىڭ 2016 – يىلى 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە جىددى شەكىلدە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.

          2016 – يىلى 9 – ئاينىن 24 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللىي رەھبىرىمىز ۋە رەئىسىمىز رابىيە خانىمنىڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىكىدە مەخسۇس ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسى ھەققىدە ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، بۇ ھەقتە جىددى ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

 

       ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدىن ئىبارەت، ھازىرغا قەدەر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە  بۈيۈك تۈرك خەلقى باشتىن – ئاخىرى ئاسارەت ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھامىيسى ۋە باشپاناھى بولۇپ كەلدى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىگە ۋە تۈرك خەلقىغە يۈكسەك دەرىجىدە مىننەتدارلىقنى، سۆيگۈسى ۋە مۇھەببىتى بار !  شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغا قەدەر ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسىگە مۇئامىلە قىلىشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدىكى چەكسىز سۆيگۈسىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.

 

        ئەپسۇسكى، ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئاخىرقى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى جىددى ئەندىشىگە سالماقتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقەگە بولغان نارازىلىقلىرى ۋە قارشى ئىنكاسلىرىمۇ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. بىزنىڭ ئاساسلىق تەلىپىمىز  يەنىلا ئابدۇقادىر ياپچان ۋەقەسىنىڭ تۈركىيىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ئاساستا ئادىللىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ۋە ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمنىڭ تېزرەك ھۆرلۈككە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

 

       ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ قان قېرىندىشى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل تۈردە ئىگە چىقىپ كەلگەن، خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ چىققان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ئىللىق باغرىغا باسقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ دىلىنى رەنجىتمىگەن شەكىلدە ئادىللىق بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمنىڭ تېزرەك ئەركىنلىككە ئېرىشىشى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددى ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئارزۇ ۋە تەلەپلىرىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت !

 

Leave a Comment

*

*