ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
(د ئۇ ق باش كاتىپلىقى ۋە د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن بىرلىكتە ھازىرلاپ چىقىلدى )

1.  مۇساپىرلار مەسىلىسى خەلقئارالىق بىر مەسىلە 

مۇساپىرلار مەسىلىسى، تەبىئىي ئاپەتلەر، قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق، ئىچكى ئۇرۇش، دۆلەتلەر ئارىسى ئۇرۇش، مۇستەملىكە … قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خەلقئارالىق بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ مەسىلە، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ياكى مەلۇم بىر تەشكىلات ئۆز ئالدىغا ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغان مەسىلە ئەمەس، چوقۇم خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قوللىشىغا تايىنىش لازىم.

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكىگە ئۇچراش تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشىغا تامامەن ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە.

گەرچە بۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا دەۋر تېگىشكەن، كۆپلىگەن ھاكىمىيەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنە زۇلۇم، يەنە بېسىم، يەنە قىرغىنچىلىق، يەنە قېچىش …

مۇساپىرلار مەسىلىسى، خەلقىمىزنىڭ قانىغان يارىسى، خۇددى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى تارىخىدىمۇ يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدىغان كۆپلىگەن ئېچىنىشلىق تراگېدىيىلەر بارلىققا كەلدى.

تېخى يېقىندىلا، يەنى، 2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ دۆلەتكە قېچىپ كېلىپ ب د ت ئورگىنىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىك ۋەقەسى، ھەممىمىزنى قان يىغلاتقان ۋە ئېغىر مۇسىبەتكە سالغان زور تراگېدىيىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بۇ ۋەقە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غول – غۇلا ۋە تالاش – تارتىش پەيدا قىلدى.

 ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئىچىدىمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ? قانداق چارە – تەدبىرلەرنى قوللانساق تېخىمۇ كۆپ قۇربان بېرىشتىن ۋە كامبودژادا يۈز بەرگەنگە ئوخشاش تراگېدىيىلەردىن ساقلىنىپ قالالايمىز … ? دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلماقتا.

2.  مۇساپىرلار مەسىلىسىدە خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىمە كۈچنىڭ ياردىمىگە تايىنىش لازىم 

مۇساپىرلار مەسىلىسى بىر خەلقئارالىق مەسىلە بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنى بىر مىللەت، بىر تەشكىلات ياكى بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا تەل – تۆكۈس ھەل قىلىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس، چوقۇم خەلقئارادىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك كۈچلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنۇڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ب د ت باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە بىرەر مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان دەرھال ئۇنۇڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى مەلۇم بىر تەشكىلاتقا ياكى شۇ تەشكىلاتتىكى مەلۇم شەخسلەرگە ئارتىپ قويۇش تولىمۇ ئادالەتسىزلىكتۇر.

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇكى، كامبودژادا يۈز بەرگەن ھادىسىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ تالاش – تارتىش قىلىنغان  مەسىلىلەرنىڭ بىرى – بۇ دۆلەتكە قېچىپ چىققان 22 ئۇيغۇر ھەققىدىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قالالمىغانلىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت.

ئەمما، رېئاللىققا باققىنىمىزدا، ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار مەسىلىسىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ نەقەدەر زور ۋە ھەتتا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

مەسىلەن، بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر مۇساپىر مەلۇم بىر دۆلەتكە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى خەۋەردار بولىدۇ، بۇلارنىڭ رەسمىي سالاھىيىتى خىتاي گراجدانى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئىلتىجا قىلغان دۆلەتنىڭ خىتايغا بىلدۈرۈپ قويۇش ۋە خىتايدىن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش مەجبۇرىيىتى بار، دېمەك، بۇ ئارقىلىق خىتايمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدۇ، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى خەۋەر تاپىدۇ، ئەگەر شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇق – تۇغقان ياكى تونۇش – بىلىشلىرى بولسا شۇلارمۇ خەۋەر تاپىدۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەۋەر تاپىدۇ …

يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقە تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق بولغىنى ئۈچۈن، بۈگۈنكى گلوبال دۇنيادا بۇ خىل شەكىلدىكى ئالاقىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس …

قىسقىسى، بۇ مەسىلىنىڭ ئارىلىشىش دائىرىسى بەكلا كەڭ بولغىنى ئۈچۈن، ئەگەر ساقلاپ قېلىشقا توغرا كەلسە، مۇتلەق مەخپىيەتلىكنى ئەمەس، پەقەتلا قىسمەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن.

ئەمما شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يەنە بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك دېيىشكە بولىدۇ.

3.  ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى 

بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، 1997 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن بۇيان، تەخمىنەن 10 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقتى، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھازىر غەرب ئەللىرىدە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى، قالغانلىرىمۇ تۈركىيە … قاتارلىق بىخەتەر دۆلەتلەردە ياشاپ كەلمەكتە.

يەنە مەسىلەن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ غەرب ئەللىرىگە بىخەتەر كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ 500 نەپەردىن ئاشىدۇ.

بەزى غەيرىي رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، نۆۋەتتە چەتئەللەردە تەخمىنەن بىر مىليونغا  يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

 بۇلار دۇنيادىكى 50 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا  تارالغان بولۇپ، ئاساسلىق قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا  قوشنا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە ياشاپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان  تەخمىنەن بىر مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ھىجرەت قىلىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بولۇپ،تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، ھەر بىر ھىجرەت دولقۇنىنىڭ، شۇ دەۋرلەردە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن زور سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ھەرقايسى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

1)    بىرىنچى  ھىجرەت دولقۇنى :

1938-يىلى 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، قەشقەردە قۇرۇلغان “شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جۇمھۇرىيىتى” مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن قاتارلىق رايونلاردىن بىر تۈركۈم يۇرت كاتتىلىرى ۋە مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى شىڭشىسەينىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قېچىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن كەشمىر، ھىندىستان، ئافغانىستان،ئاز بىر قىسمى سەئۇدى ئەرەبىستانغا  بېرىپ پاناھلانغان  ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك زات خوتەن خەلىپىسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئىدى.

بۇ مەزگىلدە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كونكرېتنى سانى ئېنىق ئەمەس.

2)    ئىككىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

30-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ قالدۇق كۈچلىرى، 1937 – يىلى گېنېرال مەخمۇت مۇھىتى،خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ شەيخۈل ئىسلامى مۇھەممەت نىياز ئالەملەرنىڭ باشچىلىقىدا ھىندىستانغا  قېچىپ چىقىپ پاناھلاندى، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكىلەر ئاساسەن قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن رايونىدىكى مىللىي ئىنقىلابچىلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئوقۇمۇشلۇق زاتلار بولۇپ، بۇ باسقۇچتا قېچىپ چىققان سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.

3)    ئۈچىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

1949-يىلى 10 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار قوشۇنى كوممۇنىست خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىقىپ ھىندىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە كېيىن ئۇلار تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن ئىدى.

بۇ قەبىلىنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرى خادىملار، ئالىملار ۋە يۇرت كاتتىلىرى بولۇپ، ئاتاقلىق شائىر ساتتار بۇلبۇل، تارىخچى ۋە ئەدىب پولات قادىر تۇرپانى … قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرمۇ شۇلارنىڭ تەركىبىدە ئىدى.

بۇلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار بار.

4)    تۆتىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، 50 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەنسۇپلىرىغا قارىتا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، مىللىي ئارمىيە تارقىتىلغان، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قالدۇق رەھبەرلىرى تۇتقۇن قىلىنغان  ياكى سۈرگۈنگە ئۇچرىغان، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى قىزىل تېررورلۇق قاپلىغان ئىدى.

نەتىجىدە، 1950 – يىلىدىن 1962 يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە، سابىق “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇروپ مەخسۇم، زىيا سەمىدىلەر باشچىلىقىدىكى بىرقانچە يۈزمىڭ ئۇيغۇر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان  ئىدى.

بۇلار ئاساسەن ھازىرقى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىدى.

5)    بەشىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى، 50 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئارقا – ئارقىدىن “يەر ئىسلاھاتى”، “ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى”، “سولچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى”، “يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى” , “سوۋېت جاھانگىرلىكىنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى”، “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى” … دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغاش ئارقىلىق، سانسىزلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتى سەللا كۈچلۈك دەپ قارالغانلىقى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى.

نەتىجىدە،  60 – يىللارنىڭ باشلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ئۆزىنى يالغاندىن ئافغانىستان گراجدانى قىلىپ كۆرسىتىپ، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن  ئافغانىستانغا  كېلىپ پاناھلانغان  ۋە كېيىن تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك زاتلار بولسا ئابدۇ ۋەلىخان خوجا، ھۈسەيىن خەزىنىچى … قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان، سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرمۇ مۇشۇ ھىجرەت دولقۇنىنىڭ مەنسۇپلىرىدىن ئىدى.

6)    ئالتىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرالارنى قاتتىق قامال قىلىشى نەتىجىسىدە، 60 – يىللاردىن تاكى 80 – يىللارنىڭ بېشىغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ پاناھلىنىش يوللىرى پۈتۈنلەي كەسىپ تاشلانغان  ئىدى.

خىتاي ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن 80 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن، تاكى بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 90 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ۋە بېسىمىغا ئۇچرىغان كوپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە دىنىي زاتلار پاكىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، يەنە ئاز بىر قىسمى بولسا غەرب ئەللىرىگە قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان  ئىدى.

7)    يەتتىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، 90-يىللاردىن كىيىن، سوغۇق سوقۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلىنىشى، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستانغا  قوشنا بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان …  قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشتى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق، ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشلىرىنىڭ  تېخىمۇ جىددىي شەكىلدە ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولدى. نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى سىياسىي پارتىيىلەر، تەشكىلاتلار ۋە كىچىك-كىچىك گۇرۇپپىلار قۇرۇلدى.  بۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى پائالىيەتلىرىنى تىنچلىق شەكلىدە، سىياسىي، تارىخى ۋە دىنى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئاساس قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى قوراللىق كۈرەش قىلىش يوللىرىنى تاللىدى.  خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى، زىددىيەت-توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا توختامنامىلەرنى ئاساس قىلىش ئورنىغا، قورال كۈچى بىلەن قانلىق باستۇرۇشنى بىردىن-بىر چارە ۋە تاكتىكا قىلىپ كەلدى.

 ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي، مەدىنى ۋە دىنى پائالىيەتلىرىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار كۈندىلىك نورمال ھاياتىنى تەھدىت، قورقۇش ۋە ۋەھىمە  ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا  „بۆلگۈنچى“، „قانۇنسىز دىنى ئۇنسۇر“، „فوندامېتنالىسىت“، „ئەكسىل ئىنقىلابچى“ دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ ئونمىڭلارچە بىگۇناھ ياشنى تۇتقۇن قىلىنىپ، قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئېلىندى. نۇرغۇن ياشلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، نۇرغۇنلىرى تۈرمىلەردە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ دېنىم ئۇلغىيىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.1990 – يىلى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابى دەل بۇ خىل ۋەزىيەت ئاستىدا مەيدانغا  كەلگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك ھادىسىلەر ئىدى.

بىزچە، بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەن 90 – يىلىدىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا “قاتتىق زەربە بېرىش” ھەرىكىتى باشلانغان  1996 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق ھىجرەت دولقۇنى دېيىش مۇمكىن.

بۇ مەزگىل ئىچىدە، “بارىن ئەكسىل ئىنقىلابىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاش” دېگەن نامدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش مەقسەت قىلىنغان “7 – نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججىتى” چىقىرىلدى، “شاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى” قۇرۇلدى، “شىنخۇا شىنجاڭغا ئاساسى خەۋپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن ۋە قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلاردىن كېلىدۇ” دېگەن سىياسىي شوئار كۆتۈرۈپ چىقىلىپ، دىنىي ساھە ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى قىلىندى.

بۇ مەزگىل، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا سىياسىي سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان  ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ  سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ دۆلەت تېررور سىياسىتى، مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ، بولۇپمۇ ياش دىنىي زاتلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى.

ئافغانىستانغا  بېرىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان ھەسەن مەخسۇم باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم دىنىي زاتلىرىمىز دەل خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە يۈرگۈزگەن دۆلەت تېررور سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى ئىدى.

بۇ باسقۇچقا ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما ئومۇمى سانىنىڭ 3000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

8)    سەككىزىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قارايدىغان بولساق، 97 – يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن “5 – فېۋرال” ۋەقەسىنىڭ، ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ 8 – قېتىملىق چوڭ ھىجرەت دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

بەزى غەيرىي رەسمىي ستاتىستىكىلاردا، “5 – فېۋرال” ۋەقەسىدىن بۇيان تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەللەرگە قېچىپ چىققانلىقى بايان قىلىنماقتا. ئەمما دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ باسقۇچتا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنىڭ ئاساسەن غەرب ئەللىرىنى پاناھلىنىش نىشانى قىلغانلىقىنى، 97 – يىلىدىن بۇيان غەرب ئەللىرىگە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرگە كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدا ھەسسىلەپ ئېشىش كۆرۈلگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت.

9)    توققۇزىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا  قارىتا، “چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى” يولغا قويۇلغان 2000 – يىلىنى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ يەنە بىر ھىجرەت دولقۇنىنىڭ باشلىنىش يىلى دېيىشكە بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنى يوقىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.

بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى كۈچەيتىلدى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان  ئاتالمىش “قوش تىللىق ئوقۇتۇش” دېگەن سىياسەت ئىجرا قىلىنىپ، ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنى خىتايلاشتۇرۇش جەھەتتە زور قەدەملەر تاشلاندى، ئاتالمىش “ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش” دېگەن نامدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان “پىلانلىق تۇغۇت” سىياسىتى دېنىم كۈچەيتىلىپ، ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى خىتايلاردەك بىرلا پەرزەنت كۆرۈشكە قىستالدى.

ئارقىدىنلا خىتاي ھاكىمىيىتى، 2001 – يىلى يۈز بەرگەن 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنى باھانە ۋە سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، بۇ جەرياندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى ۋە نارازىلىقلىرىنى تىنچلىق شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلار، “3 خىل كۈچ”، “شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى”، “رادىكال دىنىي ئۇنسۇر” دېگەندەك سىياسىي تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىندى، كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلار مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلدى.

خىتاينىڭ بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، يەنە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بۆلەن، قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق  چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى.

2000-يىلىدىن، تاكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن 2009 – يىلىغىچە بولغان جەريانمۇ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشى ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل بولدى.

10)           ئونىنچى ھىجرەت دولقۇنى :

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋە ئەڭ قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان  5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭى بىر ھىجرەت دولقۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا باشلاتقان دۆلەت تېررور سىياسىتى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى، مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، زور خېيىم – خەتەرلەرگە قارىماستىن تۈرلۈك يوللار بىلەن چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىشىغا بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.

2009-يىلى ۋيېتنام ئارقىلىق كامبودژاغا قېچىپ چىقىپ ب د ت دىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 22 نەپەر ئۇيغۇر دەل مۇشۇ ھىجرەت دولقۇنىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك سىياسىي قاچقۇنلاردىن ئىبارەت ئىدى.

4.  خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قاراتقان زىيانكەشلىكى 

ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە ھەر خىل يوللار بىلەن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قارىتا سىرتتىن كۆزىتىش ۋە پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا، 1996 – يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ھەم سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش مەقسەت قىلىنغان “7 – نومۇرلۇق مەخپىي ھۆججەت” ۋە بۇ مەقسەتتە قۇرۇلغان “شاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى” دىن كېيىن، بولۇپمۇ  1997 – يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5 – فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارغا قارا قولىنى سوزۇش، شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى كۈچىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆپەيدى.

يەنى، خىتاي ھاكىمىيىتى شۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا قارىتا سىستېمىلىق ھالدا بىر يوقىتىش ۋە زەربە بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستانغا  قوشنا ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى پەۋقۇلئاددە يېقىن بولغىنى ئۈچۈن، د ئۇ ق باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىدە ئىنتايىن زور قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەكىل خاراكتېرلىك ھادىسىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :

(1)    تۇنجى بولۇپ پاكىستان ھۆكۈمىتى 1997 – يىلى 5 – ئايدا 12 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى، بۇلار قايتۇرۇلۇپلا دەرھال ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ شېھىت قىلىندى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 5-ئايدا 12 نەپەر ئۇيغۇر ئىلتىجاچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

بۇ 12 نەپەر ئۇيغۇر ئەسلىدە پاكىستانغا  دىنىي تەلىم ئېلىش ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاكىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.

(2)    1998-يىلى 9 – ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتى  شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 8 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى، بۇلارنىڭ 4 نەپىرى نارەسىدە بالىلار ئىدى.

بۇ قېتىم قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى شەرقىي تۈركىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي ئۆلىمالار ئىدى.

بۇ قېتىمقى قايتۇرۇش ھەرىكىتى ناھايىتى مەخپىي ئېلىپ بېرىلگىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىدى.

(3)    1998-يىلى 1- ئايدا خەمىت مۇھەممەت، قاسىم ماھىر، ئىلياس زوردۇن قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىپ قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى، ئەمما بۇلار 1999 – يىلى 2 – ئايدا  قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

بۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بىرقانچە ئايدىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

بۇ ھادىسە ئەينى چاغدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىغا قارشى كۆپلىگەن نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلدى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىمۇ قازاقىستاننى ئەيىبلەپ كۆپلىگەن ئاخبارات ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

گەرچە بۇ ۋەقەدىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار مەسىلىسىدە بىرئاز ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، يەنىلا يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلىرىنى ئاستىرتىن داۋام قىلدۇردى.

(4)    2000-يىلى 4 – ئايدا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن جېلىل تۇردى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، ئۇنۇڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.

(5)    2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەخەت مەمەت (21 ياش) ۋە تۇرغۇن ئابباس (27 ياش) ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچى ( ئۇلار 199-يىلى 8-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياركەنت ناھىيىسىدىن قېچىپ قازاقىستانغا  كەلگەن ۋە ئۇقۇشقا كىرگەن) ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا  بۇلارنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخپىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلغان.

(6)    2001-يىلى شىرئەلى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇھىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىبەت ئارقىلىق تاغ – داۋانلارنى ئېشىپ مىڭ بىر جاپادا نېپالغا قېچىپ چىققان ئىدى.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە  خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىردەك ياردەم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىلتىجاسى ب د ت مۇھاجىرلار يۈكسەك كومىسسارلىقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان  بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېپال ھۆكۈمىتىگە بېسىپ قىلىشى بىلەن شىر ئېلى، ھاشىم ئېلى قاتارلىق 4 نەپەر يۇرتدىشىمىز نېپال ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

بۇ پاجىئەدىن كىيىن، نېپالدىكى يۇرتداشلىرىمىز ھىندىستانغا  يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان ۋە ھىندىستاندىكى ب د ت ئىشخانىسىنىڭ پاناھلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

بۇ جەرياندا قۇرۇلتىيىمىز ب د ت مۇھاجىرلار كومىسسارلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ھىندىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدى. نەتىجىدە ھىندىستانغا  كەلگەن يۇرتداشلارنىڭ ئىلتىجاسى ب د ت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، 3-بىر دۆلەتكە ئەۋەتىش قارار قىلىنغان  ئىدى.

بۇلاردىن ئابدۇشۈكۈر، تاھىر ناسىر، ياسىن تۇردى، ئۆمەر ئەزىز، ئابدۇللا داۋۇت قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىز، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن، 2005-يىلى 11-ئايدا ساق-سالامەت شۋېتسىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.

ئەپسۇسكى، شىرئەلى، ھاشىم ئېلى قاتارلىق 4 نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىشى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن قاتتىق ئېچىندۇردى.

نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئەينى چاغدا ب د ت نىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

(7)    پاكىستان ھۆكۈمىتى  2002 – يىلى 4 – ئايدا ئىلىخان توختى (1971-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان)، ئابدۇلىتىپ ئابدۇقادىر (1972-يىلى “-ئايدا تۇغۇلغان)، ئەنۋەر داۋۇت قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ئىلتىجاچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرغىچە نامەلۇم.

(8)    2002-يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى مەمەت ياسىن، مەمەت سادىق قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

 (9)   2002-يىلى 7-ئايدا رەھمىتۇل ئىسرائىل، ئەركىن ياقۇپ… قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى. خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ( شىنخۇا، 30 مارت، 2004) بۇلاردىن رەھمىتىلا ئىسرائىل، ئەركىن ياقۇپ 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

ھازىرغا قەدەر قىرغىزىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئەنسىرەپ، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئالاھىدە مەخپىي تۇتۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

(10)   2003- يىلى ئاپرېل ياكى ماي ئېيىدا ئابدۇقاھار ئىدرىس ئالمۇتادا غايىب بولدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىپ، ب د ت م ي ك نىڭ ئالمۇتادىكى ئىشخانىسىغا ئىلتىجا قىلغان ئىدى. ئابدۇقاھار ئىدرىسنىڭ مەخپىي ھالدا قازاقىستان تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئېھتىمالدا يۇقىرى.

(11)   2003-يىلى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئابدۇل ۋاھاپ توختى، مۇھەممەت توختى مەتروزى قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر تۇيۇقسىز پاكىستاندىن غايىب بولدى، بۇلارنىڭ ئىلتىجاسى ب د ت نىڭ پاكىستاندىكى بيۇروسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان  ۋە 2 – بىر دۆلەتكە يولغا سېلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، كېيىن، بۇلارنىڭ پاكىستان مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، يوشۇرۇن ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

پاكىستاننىڭ بۇ قىلمىشى ب د ت نىڭ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

(12)   مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئىسمائىل سەمەت، 2003 – يىلى ( ئاي –كۈنى ئېنىق ئەمەس ) پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

ئىسمائىل سەمەت، 2005‏-يىلى 31‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ۋە 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

1969‏- يىلى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ساغان يېزىسىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىسمائىل سەمەت، 190‏- يىلى ئاپرېل ئېيىدا يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، 1992‏- يىلى 9‏- ئايغىچە تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن دەل بىر يىل كېيىن يەنى 1993‏- يىلى 9‏- ئايدا قايتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنغان  ئىسمائىل سەمەت، 1996‏-يىلىغىچە تۈرمىدە ياتقان. ئۇ 1997‏- يىلى فېۋرال ئېيىدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئىسمائىل سەمەت ۋەقەسىمۇ ئەينى چاغدا خەلقئارادا خېلى زور تەسىر قوزغىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولدى.

(13)   مەركىزى ۋېنادىكى خەلقئارا ھىلىنىسكى فېدېراتسىيىنىڭ 2006 –يىلى ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، يۈسۈپ كادىر ۋە ئابدۇقادىر سىدىق ناملىق 2 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي ئىلتىجاچى، قازاقىستاندىكى ب د ت م ي ك ئىشخانىسىغا ئىلتىجا قىلغان، ئۇلار قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كىيىن، قويۇپ بېرىلگەن ۋە ئارىدىن بىر-قانچە كۈن ئۆتمەيلا غايىب بولۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭمۇ خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

(14)   2009-يىلى 4 – ئايدا پاكىستان ھۆكۈمىتى 9 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.

پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە 170 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى 9 نەپەر ئۇيغۇر بۇ قارا تىزىملىكتىكى تۇنجى تۈركۈم قايتۇرۇلغانلاردىن ئىبارەت.

پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشتا ھەر ۋاقىت يەڭ ئىچى سودىسى قىلماقتا ۋە ۋەقەنى مۇمكىن قەدەر خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇن ئېلىپ بارماقتا.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ قايتۇرۇلغان دۆلەت پاكىستاندىن ئىبارەت.

(15)   2009-يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى، ۋيېتنام ئارقىلىق قېچىپ كېلىپ ب د ت نىڭ كامبودژادىكى ئورگىنىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.

بۇ ۋەقە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى، ۋەقەدىن بۇيان ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت، تۈركىيە، شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئاخبارات ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بېرىشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى ھادىسە ۋە تراگېدىيىلەرگە باققىنىمىزدا، ھازىرغا قەدەر خىتايغا ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن دىنداش، قانداش ۋە قوشنا بولغان پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى يوشۇرۇن ۋە مەخپىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە، ئۇنۇڭ ئۈستىگە قايتۇرۇلغانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ب د ت نىڭ ش دۆلەتلەردىكى ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار بولۇپ، بۇمۇ، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى نوقۇل ھالدا بىر تەشكىلات ياكى بىر دۆلەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ھەل قىلىپ كېتىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئومۇمى خەلقىمىزنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، جانلىق تاكتىكا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىشىمىز لازىملىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ئەمما شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئومۇمى يۆلىنىشىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، باشقا ئەسىر مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنىڭ يەنىلا بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز، مەسىلەن، تىبەت مۇساپىرلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، پەقەتلا كېيىنكى بىرقانچە يىلدىن بۇيان نېپالدىن قايتۇرۇلغان تىبەتلىكلەرنىڭ سانىلا ھازىرغىچە قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

تىبەتلىكلەرنىڭ خەلقئارالىق كۈچى بىلەن بىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى، خېلىلا زور پەرق بار، دېمەك، تىبەتلىكلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى ئۆز ئالدىغا ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەلۋەتتە، ھېچ بىرىمىز بىرمۇ قېرىندىشىمىزنىڭ قىزىل ئەجدىھانىڭ يالماۋۇز ئېغىزىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايمىز، بۇرۇنقى تراگېدىيىلەردىن ساۋاق ئېلىپ، مۇساپىرلار خىزمىتىمىزنى يەنى سىستېمىلاشتۇرۇشىمىز لازىم !

د ئۇ ق باش كاتىپلىقى

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى

Leave a Comment

*

*