ئۇيغۇر ياردەم پىلانى ئېلان قىلىندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باش قوشۇشى نەتىجىسىدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر ئېلىدىن چەت ئەللەرگە تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن چىقىپ، ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشى بىلەن، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارمۇ كۆپەيمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئوقۇش، ئىشلەش، ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى قوغداپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى يول قويغان دائىرىدە، دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر بىلەن ھەل قىلىپ كەلمەكتە.

2016-يىلى 16-دېكابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۇيغۇرغا ياردەم» پىلانى ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى ئۇيغۇر ئېلىدە ئانا تىل مائارىپ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن تۈزۈلدى ۋە بىر قانچە تۈر بويىچە تەييارلاندى.

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى، ئوقۇش، يېتىملار، موھتاجلار، مەسلىھەتچىلىك، ئىگىلىك تىكلەش، ئاتا-ئانىلارغا ياردەم، ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا زۆرۈر كىتابلارنى تارقىتىش، ئانا تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت، مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سىناق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، فوندقا ئۆزگەرتىش نىشان قىلىندى.

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانىدا پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلە، ئېھتىياج ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىدائىيىلىق پىلانىدۇر. بۇ پىلان ھىچبىر ھۆكۈمەت، تەشكىلات ۋە دۆلەتكە باغلانمىغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلار پىدائىيىلىق، خالىسلىق ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىقتىساد، ئىقتىدار ۋە ئىلىملىرىنى سەرپ قىلىپ ياردەم قىلىدۇ.»

قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانىنىڭ ئوقۇش ياردەم تۈرى ئۆكتەبىر ئېيىدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلانغان ۋە بىر ئوقۇغۇچى دوكتورلۇقتا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دوستلىرىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى، قوللىشى بىلەن ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇيغۇرغا ياردەم پىلانىغا قاتناشماقچى بولغانلار uyghuryar123@gmail.com ئېلخەت ئادرېسى ياكى تۆۋەندىكى فەيسبۇك ئادرېسى ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Leave a Comment

*

*