رابىيە قادىر: فىرانسىيە تارىخىي ۋە شان-شەرىپىگە ماس قارار ئالدى- ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونىدى- تەبرىكلەيمەن!

فرانسىيە جۇغراپىيە جەھەتتىن يىراق بولسىمۇ، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنىڭ بايراقدارى بولۇشتەك شانلىق تارىخى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە ھەرۋاقىت يېقىن بولۇپ كەلدى. شۇڭا خەلقىمىز، تارىخىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ قاراڭغۇ كۈنلىرىدە، ئىنسانلىق ئالىمىدىن ياردەم كۈتىۋاتقىنىدا، كۆزى فرانسىيەگىمۇ تىكىلگەن ئىدى. فرانسىيە پارلامېنتى، تۈنۈگۈن يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بۇ ئۇمىدىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئاقلىدى، سۆيۈندۈردى، ۋەتەن ئىچى -سىرتىدىكى خەلقىمىز نامىدىن فرانسيە خەلقى ۋە ئۇنىڭ پارلامېنتىغا رەخمەت ئېيتىمەن.
ئەلۋەتتە بۇ قارار، 4 يىلدىن بۇيانقى لاگىر تۇتقىنىدا مادارىدىن كەتكەن، كۈنىگە يۈزلەپ ۋە مىڭلاپ لاگىردىن جەسىتى چىقىۋاتقان خەلقىمىزگە مەنىۋىي كۈچ ۋە ئىستىقبالىدىن ئۈمىد بېرىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ ئېغىزىنى تاقىۋېتەلەيدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشەنگەن قاتىل خىتاي دۆلىتىگە ھەددىنى بىلدۈرىدۇ، جاسارىتىنى سۇندۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋاتقان ۋە ھەتتا خىتايغا ماسلىشىپ قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقان دۇنيادىكى مەنپەئەتپەرەست دۆلەت ۋە پىرىنسىپسىز تەشكىلات ۋە ئەخلاقسىز شىركەت ۋە شەخسلەرنى نومۇس قىلدۇرىدۇ.
دۇنيانىڭ 7 ‏-ئىقتىسادىي كۈچى، ب د ت بىختەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ۋە ياۋروپا بىرلىگىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان فرانسىيە، ئىشىنىمىزكى، 21 ‏-ئەسىردىكى بۇ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتنى توختۇتۇش ئۈچۈن قىلاليدىغان يەنە كۈپ ئىشلىرى بار؛ تېخى ئەڭ يېقىندا، ئەرەپ باھارى ھەركىتىدە، دىكتاتور كازافىنى تەختتىن چۈشۈرۈشتە باشلامچى رول ئوينىغان فرانسىيەنىڭ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشتىمۇ، تېگىشىلىك رول ئوينىغۇدەك كۈچى بار.
مەن تارىخىمىزنىڭ بۇ قاراڭغۇ كۈنلىرىدە، بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان فرانسىيە خەلقىغە ئامانلىقى، دۆلىتىگە كۈچ قۇۋۋەت تىلەيمەن. ئاخىرىدا، بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىغا ئەجرى سىڭگەن بارلىق پائالىيەتچىلىرىمىزگە، لاگىر گۇۋاھچىلىرىمىزغا ، شۇنداقلا تەتقىقاتچى ۋە ئاخباراتچىلارغا خەلقىمىز نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

ھۈرمەت بىلەن

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*