رابىيە قادىر: خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەكتىن ئىبارەت بىر قاتىللىق قورالى قولىدىن چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا! ئەجرى سىڭگەلەرنى تەبرىكلەيمەن!

ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى جورىسىدىن ۋە پەرزەنتلىردىن ئايرىۋېتىش، كۈچىنى خورۇتۇش يولى بىلەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشتۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق، نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا، ئاساسلىق قاتىللىق ۋاستىسىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى پرېزدېنت جوي بايدىننىڭ تەستىقلىشى بىلەن خىتاينىڭ ئەنە شۇ بىر قاتىللىق قورالى قولىدىن چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئېنىقكى ، مەزكۇر قانۇن دۇنياغا خوجىدارلىق خىيالىدىكى خىتايغا ھەددىنى بىلدۈرىدۇ، ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى بېيىتىۋاتقان شىركەتلەرنى ئويغا سالىدۇ، نەپىسىنى يىغىشقا ئۈندەيدۇ. بولۇپمۇ دۇنيادىكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋەىرى بەك بولمىغان ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن، خىتايغا ماسلىشىپ ئۇيغۇر قۇرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقان ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنى سەگەكلەشتۈىرىدۇ.

بىلىمىز، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ جىنايەتكە ئۇشتۇمتۇت ئاتلانغان ئەمەس، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر تەييارلىقتىن كېيىن، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ھەركەتكە ئۆتكەن. شۇڭا خىتاي تەرەپ ئۆزلىرى دەۋاتقان دەۋاتقان «تارىخىي پۇرسەت» نى يەنى ئۇيغۇرنى يوقۇتۇش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن، مەزكۇر قانۇننى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ، ئۆزىنىڭ يەنە بارلىق سىياسىي ، ئىقتىسادىي كۈچىنى ۋە دۆلەت ھىلە-نەيرەڭلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا سېلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلدىن باشقا قىممەتنى تونۇمايدىغان بەزى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىغا داۋاملىق ماسلىشىشى مۈمكىن.
شۇڭا مەن ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرىنى بۇ قانۇننىڭ ئالدىغا ئالدىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان توسالغۇلار ئۈستىدە جىددىي ئويلۇشۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىلىرىنى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىمەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى،دۇنيادا ئىنسانىيلىقىنىڭ يىمىرىلمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى؛ بۇ قانۇن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى، زىممىسىگە چۈشكەن ئۇلۇغ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي بىر قەدەم باستى. بۇ قەدەم دۇنياداكى بارلىق مەزلۇم مىللەتلە رگە ھەق ئادالەتنىڭ نۇرىدىن شەپە بەردى، ئىستىقباللىرىدىن ئۇمىد بەردى.
بۇ كاتتا خىزمەتكە ئەجرى سىڭگەن، ماركو روبىيو، جىم مكگوۋرن ، نەنسىي پېلوسى قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا رەھبمەت ئېيتىمەن ۋە بۇ يولدا ئەجرى سىڭگەن بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە پاالىيەتچىلىرىنى تەبرىكلەيمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*