رابىيە قادىر: خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەكتىن ئىبارەت بىر قاتىللىق قورالى قولىدىن چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا! ئەجرى سىڭگەنلەرنى تەبرىكلەيمەن!

ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى جۆرىسىدىن ۋە پەرزەنتلىردىن ئايرىۋېتىش، كۈچىنى خورۇتۇش يولى بىلەن روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلەشتۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق، نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا، ئاساسلىق قاتىللىق ۋاستىسىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى تەستىقلىنىش بىلەن، خىتاينىڭ قولىدىن، ئەنە شۇ بىر قاتىللىق قورالى تارتىۋېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ لايىھەنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتۈشى دۇنياغا خوجىدارلىق خىيالىدىكى خىتايغا ھەددىنى بىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ۋە دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى بېيىتىۋاتقان شىركەتلەرنى ئويغا سالىدۇ، نەپىسىنى يىغىشقا ئۈندەيدۇ. بولۇپمۇ دۇنيادىكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن خەۋىرى بەك بولمىغان ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن، خىتايغا ماسلىشىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقان  ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ.

بىلىمىزكى، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ چوڭ جىنايەتكە ئۇشتۇمتۇت ئاتلانغان ئەمەس، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر تەييارلىقتىن كېيىن، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ھەركەتكە ئۆتكەن. شۇڭا خىتاي تەرەپ ئۆزلىرى دەۋاتقان ئۇيغۇرنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن، مەزكۇر قانۇننى ئىشلىمەس ھالغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ يەنە بارلىق سىياسىي ، ئىقتىسادىي كۈچىنى ۋە دۆلەت ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا سېلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلدىن باشقا قىممەتنى تونۇمايدىغان بەزى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىغا  داۋاملىق ماسلىشىشى مۈمكىن.
شۇڭا مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى، مەزكۇر لاھىيە پرېزىدېنت ئىمزاسى بىلەن قانۇنغا ئايلانغان ھامان، بۇ قانۇننىڭ ئالدىغا چىقىدىغان توسالغۇلار ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تەدبىلىرىنى قوللىنىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىمەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، ئىنسانىيلىقىنىڭ يىمىرىلمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى؛ بۇ قانۇن، ئامېرىكا خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى، زىممىسىگە چۈشكەن ئۇلۇغ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي بىر قەدەم باسقان بولدى. بۇ قەدەم دۇنيادىكى بارلىق مەزلۇم مىللەتلەرگە ھەق ئادالەتنىڭ نۇرىدىن شەپە بەردى، ئىستىقباللىرىدىن ئۈمىد بەردى.
بۇ كاتتا خىزمەتكە ئەجرى سىڭگەن، ماركو روبىيو، جىم مەكگوۋرن ، نەنسىي پېلوسى قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا رەھبمەت ئېيتىمەن ۋە بۇ يولدا ئەجرى سىڭگەن بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلىرىنى تەبرىكلەيمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى راىيە قادىر

Leave a Comment

*

*