رابىيە قادىر: ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان تۈركىيەنى ئاللا بالا-قازادىن ساقلىغاي !

يىقىلساق يۆلىنىدىغان تېغىمىز، قاچساق مۆكۈنىدىغان بېغىمىز تۈركىيەنى پاشا چاقسىمۇ قەلبىمىزدە ھېس قىلىمىز. شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمەنكى، تۈركىيە ئوت ئاپىتىگە ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە، مۇھاجىرەتتىكى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىيالى تۈركىيەدە. تۈركىيە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇچ كەلگەن تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا تاقابىل ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق بىر كۈچ تۈركىيەنى تەۋرىتەلمەيدۇ، تەمتىرىتەلمەيدۇ. پەرەز قىلىمەنكى ، تارىختىن بۇيان يامانغا باش ئەگمىگەن، ئاجىزنى بوزەك قىلمىغان تۈركىيە ئۈچۈن دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ قولى دۇئادا. جۈملىدىن مەن، شەرقى تۈركىستاندا ئۆزلىرى لاگېردا يېتىۋاتسىمۇ، تۈرمىلەردە ئەزىيەت چېكىۋاتسىمۇ، مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئېزىلىۋاتسىمۇ، تۈركىيە ئۇچرىغان بۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك باش قاتۇرۇۋاتقان ۋە دەردىگە دەرد قوشۇلغان 3 مىليوندىن ئارتۇق مەھكۇم قېرىندىشىم نامىدىن، ئاللاھتىن تۈركىيەگە ئامانلىق تىلەيمەن. ئاپەتتە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرىمەن. مەن بۇ پۇرسەتتە يەنە ۋەزىيەتتىن ۋەزىپە چىقىرىپ ئاپەت رايونىغا ياردەم ئۈچۈن يېتىپ بارغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا، ھالقىلىق پەيتلەردە مىللىتىمىزنىڭ قەلبىگە، ھېسسىياتىغا تەرجىمان بولالىغانلىقى- ۋەكىللىك رول ئوينىيالىغانلىقىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن؛ شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاپەت توختىغانغا قەدەر، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا، قولىدىن كەلگەن بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىمەن.
ئاللا تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنى بالا-قازادىن ساقلىغاي!
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*