رابىيە قادىر: مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلار ، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا لاگىر قۇرۇلغىنى 5 يىلغا يېقىنلاشتى، لاگىر ۋە تۈرمىلەردىكى مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك ماغدۇرىدىن كېتىپ بولغان ۋە بەلكىم نەچچە ئونمىڭلىغان قېرىندىشىمىز لاگىر زۇلۇمىدىن ، ئۇ دۇنياغا ئۇزاپ بولغان بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىمىز يېتىپ كەلدى. گەرچە ۋەتەندىكى 8 ھالىنى ئويلىساق، ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەمەس، نورمال بىر نەپەس بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىمىزمۇ ئىمكانسىز.ئەمما ياراتقان ئىگىمىز ئاللاھ-تائالانىڭ ئەمرى بىلەن كېلەچىكىمىزدىن ئۈمىدنى ئۈزمەيمىز: ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
شۇنداق ، ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن خىتاي بىلەن بولغان تەشۋىقات جېڭىدە ، ئىمكانلىرىمىز چەكلىك بولسىمۇ، خىتاي ئۈستىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق. 7 غەرب دۆلىتىنىڭ پارلامېنت ۋە پارلامېنت ئورگىنى ۋەزىيىتىمىزنى قىرغىنچىلىق دەپ تۆنىدى ۋە خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىدى. شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە گەپ قىلىش ئەمەس تىنىشنىمۇ خالىمايدىغان خىتاي دائىرىلىرى ئايدا ئىككى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزلىرىنى ئاقلىشىۋاتىدۇ، ئاقلىغانسېرى جىنايىتى پاش بولۇۋاتىدۇ. بۇ نەتىجىدە ، مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ كۆز يېشى ۋە دۇئاسىدىن باشقا، پىداكار لاگىر شاھىدلىرىمىز ۋە ھارماس پائالىيەتچلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس تۆھپىلىرى بار، بۇ ھېيت ھارپىسىدا ئالدى بىلەن بۇ پىداكارلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن!.
خىتاينىڭ مەقسىتى، بىزنى ھاياتتىن جاق تويغۇزۇش، ئۆزلىرىگە باش ئەگدۈرۈش ۋە خەلقى ئالەم ئالدىدا خار قىلىش. ئەمما بىزگە جاندىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىقنى ئاللا بەرگەن، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئالالمايدۇ، شۇڭا ئاللاغىلا باش ئېگىمىز، خىتايغا قارشى كۈرىشىمىزنى ئاخىرقى نەپىسىمىزگىچە داۋاملاشتۇرىمىز. خىتايغا بۇ كۈرەشنى ئىزچىل، قەتئىي ۋە تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، پوزىتىف ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجىمىز بار. شۇڭا بۈگۈن يىغلىمايمىز، قاقشىمايمىز، ھېيتنى ھېيتتەك ئۆتكۈزىمىز!. تەكرار ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!!!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*