رابىيە قادىر : ۋاسكېتبول چولپىنى رويس ۋايتنىڭ ھەققانىي سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن

 

ئامېرىكا ۋاستكىبول چولپىنى رويس ۋايتنىڭ 11 ‏-ئىيۇل كۈنى كاتتا بىر تەنتەربىيە سەھنىسىدە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلىشى، بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى بەكلا سۆيۈندۈردى؛ يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى ، چارىسىز ئەمەسلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق.
بۈگۈن بۇ ئاۋاز بىز ئۈچۈن ، ياق شەرقى تۈركىستاندىكى لاگېرلاردا جان تالىشىۋاتقان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جىددىي لازىم ئىدى. چۈنكى
خىتاي بۈگۈن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئولىمپىكقا ساھىپخانلىق ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بۇ ئەھۋال ئولىمپىكنىڭ روھىغا، ئىنساندارچىلىق ئەخلاقىغا تۈپتىن خىلاپ بولسىمۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار، چولپانلار بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. يەنى بەزىلەر ئەنە شۇ ئولىمپىك سەھنىسىگە چىقىشتىن كېلىدىغان ئىقتىسادىي نەپ ۋە شان -شەرەپتىن ۋاز كېچەلمەيۋاتدۇ؛ بەزىلەر بولسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بەدىلىدىن -خىتاينى نارازى قىلىپ قويۇشتىن قورقۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتتە رويس ۋايىتنىڭ » ئۇيغۇرلارغا ئە ركىنلىك» دەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سېلىشى، لاگېرلاردىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى، ئىنساندارچىلىق ئەخلاقى ۋە ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر ئىدى.
مانا مۇشۇ زۆرۈرىيەتنى چولپان رويس ۋايت تونۇپ يەتتى. ب 3 مۇسابىقە مەزگىلىدە، ھەققانىي ئاۋاز چىقاردى. بۇ ئاۋازدىن كىملەرنىڭ قانداق سىگنال ئېلىشى ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق. ئەمما رويس ۋايىت ئۆزىنىڭ ھەم ئىنسانلىق ھەم چولپانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.
شۇڭا مەن ، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رويس ۋايتقا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن ۋە ئۇنى تەبرىكلەيمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*