رابىيە قادىر: شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئۇنتۇيالمايمىز ۋە ئۇنتۇمايمىز

近万维吾尔人抗议韶关阴谋共军开枪/21图* 阿波罗新闻网
26 ‏-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسى خەلقىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر كۈندۇر، چۈنكى بۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆز دۈشمىنىنىڭ تەبىئىتىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق چۈشىنىش پۇرسىتى ياراتقان بىر ۋەقەدۇر. ۋەقە قارىماققا، ئون مىڭلارچە خىتاي ئىشچىنىڭ يۈز نەچچە ئۇيغۇر ئىشچىسىنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن پۇقرالار زوراۋانلىق ۋەقەسىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئارقىسىدا ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ جىنايەت سادىر بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇشى- ۋەقە يۈز بەرسە بىر مىنۇتتا نەق مەيدانغا ئۈنۈپ بولىدىغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ، 100 نەچچە ئۇيغۇر ئۆلگەن ۋە يارىلانغانغا قەدەر نەق مەيدانغا يېتىپ كەلمەسلىكىدەك سۈيىقەستى مەۋجۇتتۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئارقىسىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ شۇ يىللاردىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى دۆلەت دۈشمىنى دەپ تەسۋىرلەپ، خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈشكۈرتىشىدەك يوشۇرۇن قوماندانلىقىمۇ مەۋجۇتتۇر. شۇڭا دېيەلەيمىزكى، شاۋگۈەن ۋەقەسى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كوللېكتىپ بىر جىنايەتتۇر.
مەلۇمكى ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 70 يىلدا يۈز بەرگەن خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىتىدىكى پۈتۈن ۋەقەلەرنى ھەر خىل شەكىلدە بۇرمىلاپ يازىدۇ ، تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما 26 ‏-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسىنى قەتئىي تىلغا ئالمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋەقە بۇرمىلاپمۇ، يوشۇرغىلى بولمايدىغان؛ توقۇپمۇ، ئۇيغۇرنى گۇناھكار كۆرسەتكىلى بولمايدىغان؛ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچى تەبىئىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن بىر ۋەقەدۇر. بىز ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى ئۇنتۇش دېمەك، دۈشمەننىڭ پەيلىنى ئۇنتۇش بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەزكۇر ۋەقەدىن قانۇنىي يول بىلەن ھېساب ئېلىش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ باققان ۋە بۇ يولدا جېنىدىن ئايرىلغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان 5 ‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشچىلىرىنىڭ قىممىتىنى ۋە ھىممىتىنى ئۇنتۇش دېمەكتۇر.
شۇڭا مەن ، پۈتۈن پائالىيەتچىلىرىمىزنى 26 ‏-ئىيۇندىن 5 ‏-ئىيۇلغا قەدەر ئارىلىقتا مەخسۇس بىر كۈننى ، 26 ‏-ئىيۇن شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە ئايرىشقا ۋە جامائىتىمىزنى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى
رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*