رابىيە قادىر:  ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان  بىلگىيە ۋە چېخ  پارلامېنتلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن

 

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاشكارا ئىجرائاتى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋاستىسى بىلەن 5 ‏-يىلىغا قاراپ كېتىۋاتقان ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى تىك يۆنۈلۈشتە تۆۋەنلىگەن  تۇغۇم نىسبىتى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرۈلىۋاتقان  مۇشۇ  مەزگىلدە يەنە ئىككى ياۋروپا دۆلىتىنىڭ پارلامېنتى ۋە پارلامېنت ئورگىنى  ئۇيغۇر ۋەزىيتىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەنچە بىر دۆلەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىدە ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئوخشاش جىددىي مەسىلىلەردە ھەقنى ياقلىشى ۋە مەزلۇمغا يان بېسشىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماي، تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماي، ئىنسانىي مەيداندا تۇرۇپ قىرغىنچىلىقنى قىرغىنچىلىق دىيەلىگەن چېخ پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ۋە بىلگىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومېتىتى  ئەزالىرىغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ھەر ئىككىسدە  ئاساسەن تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن  بۇ قارار شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ  مىللىي مەۋجۇتلۇقى، جۈملىدىن ھاياتىي بىختەرلىكىگە ئالاقىدار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياۋروپا قىممەت قاراشلىرىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈنمۇ بېسىلغان بىر ئەھمىيەتلىك قەدەمدۇر.  بۇ قەدەم، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىگە زىيادە ئىشىنىپ، دۇنيانىڭ تەرتىپ -ئىنتىزامىنى ئۆز مەنپەەتلىرىگە ئۇيغۇن شەكىلدە قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان  خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەەتلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە  ئەقەللىي ئىنسانىي ئەخلاق ۋە دىنىي ئەقىدىلىرىگە خىلاپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان كۆپ  ساندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە تېگىشلىك دەرس بولۇپ قالغۇسى.

ئاخىرىدا، مانا بۇ تارىخىي قارارنىڭ ئېلىنىشىدا تەرى سىڭگەن سامىيېل كوگولاتى  ئەپەندى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

Leave a Comment

*

*