رابىيە قادىر : ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇغانلىقىنى ئالقىشلايمەن، تېگىشلىك ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەنگلىيە پارلامېنتى تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى، قەدىمىي ۋە مەدەنىي بىر دۆلەتكە خاس بىر قەدەم باستى. خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلىشتا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كۈچىگە زىيادە ئىشەنگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتنىڭ ئادالەت تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلىگەن ئىدى. غەرب دۆلەتلىرىنىمۇ خۇددى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدەك سودا مەنپەئەتلىرى ئارقىلىق ئېغىزىنى تۇۋاقلايمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەنگلىيە پارلامېنتى مەزكۇر قارارى ئارقىلىق، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنسانىي بىر ئىللىقلىق يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ خاتا چوتلىرىغا قارىتا لايىقىدا بىر جاۋاب قايتۇرغان بولدى. مەن بۇ تارىخىي قارارغا بىلەت تاشلىغان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى تەبرىكلەيمەن.

بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس، ، خەلقئارا ئاخباراتلار تاغدەك پاكىتلار بار. پەقەت دۆلەتلەر، خىتايغا قارشى مەيداندا تۇرۇشنىڭ بەدىلىدىن قورقۇپلا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ؛ ، ھەتتا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئىجرائاتلىرى داۋامىدا ئۆز پۇقرالىرىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان تۈركىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانلارمۇ ئېغىزىنى ئاچالمايۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مەلۇمكى، قىرغىنچىلىقنى تونۇش تەس ئەمەس، تەس بولغىنى، شۇنىڭغا خاس قەدەم بېسىش. دۇنيادا قۇلچىلىقنىڭ بىكار قىلىنىشى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۈزلەرچە ساھەدە دۇنيادا باشلامچى بولغان، ئەنگلىيەنىڭ، بۇ قارارنى ئالغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا ماس ھالدا، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەسكىرىي مۇناسىۋەتلىرىدە ھازىردىن باشلاپ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ۋە دۇنيانىڭ خىتاينى بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتىن توسۇشىدا باشلامچى رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بىر نەتىجىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا بۇ قارارنىڭ ئېلىنىشىدا، ئەجرى سىڭگەن بارلىق پائالىيەتچى ۋە ئاخباراتچى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى لىدېرى

رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*