رابىيە قادىر: شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ سابىق دۆلەت ئانىسى ماھىنۇر قاسىمىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ دۆلەت ئانىلىرى بولغان! ئەڭ يېقىن زامان تارىخىمىزدىكى ماھىنۇر قاسىمى ئىدى. ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جورىسى ئىدى. بىز ئۇنىڭ مېھىرلىك چىرايىدىن دۆلەت رەھبەرلىرىمىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلاتتۇق؛ ئۇنىڭ بەزى چاغلاردىكى كەسكىن تون ۋە تەمكىن تۇرقىدىن دۆلەت رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك قەددىنى كۆرەتتۇق. مەرھۇمە ئاز كەم بىر ئەسىرلىك ھاياتىدا، مىللىتىمىزنىڭ بەخت-سائادەتلىك يىللىرىغىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەتلىك دەۋرلىرىمۇ شاھىت بولدى. ئۇنىڭ 1950 ‏-يىللاردىن كېيىنكى ھاياتى ئەسىر ھاياتتۇر. ئۇ ھاياتىنىڭ بەختسىز مەزگىلىدە كۆڭۈلدىكى گەپلىرىنى دېيىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى، قەدەملىرىنى ئارزۇسى بويىچە باسالمىدى؛ شۇنداقتىمۇ، بىز ئۇنىڭ نەپەس ئېلىپ تىرىك تۇرۇشىدىن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ، رەھبەرلىرىمىزنىڭ سېيماسىنى كۆرەتتۇق؛ بۇ سىيمادىن ھايات ۋە كۈرەشلىرىمىز ئۈچۈن ئىلھام ئالاتتۇق. مانا بۇ ئىلھامبەخش سىيما، تۈنۈگۈن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى! ئاللا ماكانىنى جەننەتتىن قىلغاي!

مەرھۇمە بىلەن ئۈرۈمچىدە خېلى يىللار ئاچا-سىڭىل دوست بولۇپ ئۆتتۇق، كۆپلىگەن سەھنە ۋە سورۇنلاردا سەپداش ۋە سەپەرداش بولدۇق. ئۇ سورۇنلاردا جىق گەپ قىلىپ كەتسەم، پېشىمنى تارتىپ تۇراتتى، يىغىنلاردا قاتتىقراق گەپ قىلىپ سالسام، » ئۆزۈڭنى ئايا » دەپ تەنبىھ بېرەتتى، ئايرىم مۇزاكىرىلەردە مېنىڭ گەپلىرىمنى پەردازلاپ، مېنى قانات ئاستىغا ئالاتتى. » مىڭ ئانا » شىركىتىنى قۇرغان ۋاقتىمدا، » ئارقاڭدا مەن بار» دەپ مەدەت بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ پاراڭلىرىغا قانمايتتىم، چۈنكى ئۇ ئازاد شەرقى تۈركىستاننىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان بىر بەختلىك ئۇيغۇر ئىدى، ئېغىزىدىن چىققان ھەر بىر ئېغىز گەپ مەنالىق بىلىنەتتى، ھەر بىر ھەرىكىتى ئىشارەتلىك تۇيۇلاتتى؛ چۈنكى ئۇ دۆلەت قۇرغان ئاتىلىرىمىزنىڭ سەپدىشى ئىدى. مەن ئۇنىڭغا چىن قەلبىمدىن ھۆرمەت قىلاتتىم، چۈنكى ئۇ مەن كۆرۈش نېسىپ بولغان بىردىن بىر ئۆزىمىزنىڭ سابىق دۆلەت ئانىسى ئىدى!

مەرھۇمەنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتىغا ئاللاھتىن سەۋر تىلەيمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*