رابىيە قادىر : ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى گوللاندىيەگە رەھمەت


تۈنۈگۈن يەنە بىر غەرب دۆلىتى -گوللاندىيە ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تۆنىدى. گوللاندىيەدە پارلامېنت ئەزايى Sjoerd Sjoerdsma ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى بىز ئۇيغۇرلار مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز: » بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار قامىلىپ ياتقان لاگىرلارنىڭ كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى سۈنئىي ھەمرادىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. …. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ زور بىر كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇندۇر» . چۈنكى بۇ سۆزلەر ، يالغۇز گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن لاگىر گۇۋاھچىلىرىنىڭ، بايانلىرىغا ئەستايىدىل قۇلاق سالغانلىقى ۋە ئۈستىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭلا نەتىجىسى ئەمەس، بۇ ئەڭ مۇھىمى، شۇ پارلامېنت ئەزالىرى ساھىب بولغان ھەق ئادالەت تۇيغۇسىغا باي ۋىجداننىڭ ، ئىلغار بىر مەدەنىيەتنىڭ ساداسى. شەرقى تۈركىستان خەلقى يېقىنقى 4 يىلدىن بۇيان ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز. مانا بۇ كۈنلىرىمىزدە، بىزنىڭ كۆز يېشىمىزنى كۆرەلىگەن، ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىمىز ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ۋە ۋەزىيىتىمىزنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. گوللاندىيەنىڭ بۇ قارارىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ بارغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ ئويغا سالىدۇ ۋە ھەرىكەت كەلتۈرىدۇ دەپ شىنىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*