رابىيە قادىر: كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىنسانلىق ئالىمىگە بىر دەرس بەردى

» بىز ئىنسانىي ھەق ۋە قەدىر-قىممەت ئۈچۈن تىك تۇرىمىز، ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر قولدىن كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ «!  مانا بۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە كانادا پارلامېنت ئەزايى Erin O Tooleنىڭ ئېغىزىدىن چىققان، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئىدىيىسىدىن ئۆتكەن چاقىرىق. بۈگۈن كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشنىڭ تولۇق ماقۇللۇقتىن ئۆتىشىدە مەنچە دەل ئەنە شۇ چاقىرىقنىڭ كۈچى بار. شۇنداق، ھەرقانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ، ئالىيجانابلىقنىڭ، ئىنساندارچىلىقىنىڭ بىر بەدىلى بار، ئۇ بولسىمۇ، نۆۋىتى كەلگەندە مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىش. كانادا پارلامېنتى بۈگۈن ئىنساندارچىلىقنىڭ مانا بۇ شەرتىنى ئادا قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى قاتارلىق دۇنيادىكى بارلىق قانخور ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە ھەددىنى بىلدۈردى، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى بىر مەرتىۋە ھېس قىلدۇردى. مەن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن كانادا پارلامېنتىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !
شۇنداق، بۈگۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دۇنيادا ھېچ بىر دۆلەتكە سىر ئەمەس، ھەتتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقىمۇ ھاجەت ئەمەس، چۈنكى نەچچە يۈزلىگەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بار، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستى ئېنىق بايان قىلىنغان خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى بار، ھەر بىر دۆلەتتە ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن 4 يىلدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، يىغلاپ يۈرۈۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر كۆچمەن ئائىلىسى بار، ئاخباراتتا توختىماي گۇۋاھلىق باياناتلىرى بېرىۋاتقان 50دىن ئارتۇق لاگىر شاھىتلىرى بار. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتا كەم بولۇۋاتقىنى پاكىت ئەمەس، كۆرىدىغان كۆز؛ بىلىنمەيۋاتقىنى ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ دەرىجىسى ئەمەس، ئۇنىڭغا باھا بېرىدىغان ئادالەت تۇيغۇسى. خىتاي پۈتۈن دۇنيانىڭ مانا مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن سىر تۇتىمەن ۋە توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرىمەن دەپ خام خىيال قىلغان. بۇ ئەسلىدە، ئىنسانلىق ئالىمىگە قىلىنغان بىر ھاقارەت ئىدى.
بۇ نۇقتىدىن كانادا پارلامېنتى دۇنيا جامائىتىگە بىر ئىنسانلىق دەرسى بەردى،. مەن مۇشۇنداق ئۇلۇغ پارلامېنتى بولغان كانادا خەلقىگە چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*