رابىيە قادىر : خىتايغا بۈگۈن كۈچىڭىز يەتمىسە، ئەتە ئەسلا يەتمەيدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوي بايدىنغا ئوچۇق خەت

     سىز ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بىر دۆلەت ئەربابى. شۇڭا مەن، تەبرىكنامىدە دېگىنىمدەك، سىزدىن  ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا  دونالدا ترامپتىنمۇ قاتتىق بىر سىياسەتنى كۆتكەن ئىدىم، ئەپسۇسكى،  خىتاي ھەققىدە ئېغىزىڭىزدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر ۋە بېسىۋاتقان قەدەملىرىڭىز، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە ۋە خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن. مەسىلەن، خىتاي بىلەن كىلىمات قاتارلىق مەسىلەردە ھەمكارلاشىدىغانلىقىڭىزنى ئېلان قىلدىڭىز. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ دەپ تونۇلغان  بىر دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىش ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرىغا قانداقمۇ ماس كېلىدۇ؟! ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ،   ش جىنپىڭنى » بەك ئەقىللىق» دەپ ماختىدىڭىز، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى » پەرقلىق مەدەنىيەت»  دەپ ئاتاپ توغرا چۈشغنىدىغانلىقىڭىزدىن بېشارەت بەردىڭىز. بۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ بىر ئاي ئۆتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى يۇمشاش.  مەنچە، ئىلگىرىكى گەپلىرىڭىزنى ياكى ئۇنىڭ سالمىقىنى  ئۇنتۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىز ئەمەسسسىز. مەنچە، شەرقى تۈركىستاندا ) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا(  ئۈچ مىليون بىلەن بەش مىليون ئارىسىدا كىشىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان  لاگىر، تۈرمە، ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدا،بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دارىلتاملاردا ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدە بار، بۇ لاگىرلاردىن  ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان ئۆلۈم، كېسەل،  قېيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىق خەۋەرلىرىنمۇ چوقۇم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىز. سىزنى خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايىتىگە قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشتىن توسۇۋاتقان سەۋەب نىمىدۇر؟ ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىمۇ؟ مەنچە ئۇنداق ئەمەس، سىز ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن سايلانغان بىر پرېزىدېنت، ئامېرىكا خەلقى ھەرگىز، چارىسىز بىر خەلقىنىڭ قۇربان قىلىنىشى بەدىلىگە ئېرىشىلگەن مەنپەئەتنى قوبۇل قىلمايدۇ!  پارتىيىڭىزنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر چاقىرىقىمۇ ھەق ۋە ئادالەتنى مەنپەئەتنى ئالدىغا قويۇش.

سىز خىتاي سىياسىتىڭىزدە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرادىسى، پارتىيىڭىزنىڭ پرىنسىپى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ۋەدىلىرىگە قارشى يۆنىلىشتە كېتىپ بارىسىز. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى  بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى تەكلىپلىرىم  ئارقىلىق سىزنى بۇ خاتا يۆنىلىشىڭىزنى تۈزىتىشكە چاقىرىمەن:

  1. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دەرھال ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەكىرىشى ۋە مۇزاكىرىگە قويۇشى كېرەك.
  2. خىتاي تەرەپتىن لاگىر، تۈرمە ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىدىكى 3 مىليون بىلەن 5 مىليون ئارىسىدىكى تۇتقۇننى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
  3. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا بىۋاسىتە رول ئېلىۋاتقان خىتاينىڭ خۇاۋېي، ئالبابا ، بەيدۇ، ۋىكىژىن قاتارلىق شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك.
  4. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا ۋاسىتىلىك رول ئويناۋاتقان بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي بىلەن سودىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ۋە توختىتىشقا چاقىرىشى كېرەك.

مەنچە،    ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ تىنچىقلىقى مەسىلىسى،  دۇنياغا خوجا بولۇش ئارزۇسىدىكى بىر قانخور ھاكىمىيەتنى تىزگىنلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ مەنپەئىتى مەسىلىسى.

بايدىن ئەپەندى، ئاخىرىدا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا يېرىم ئەسىرگە يېقىن ياشىغان بىر سابىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە سابىق مىليونېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەمىڭىزگە شۇنى ئالاھىدە سۇنۇپ ئۆتىمەن:  ئامېرىكا  خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئاۋۋال ئۆزى مۇستەھكەملىمەي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى بىرلەشتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر سىز، بۈگۈن  ئامېرىكانىڭ  كۈچى خىتايغا يەتمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئەتە تېخىمۇ يەتمەيدۇ، خىتاي،  ئامېرىكانىڭ  دۇنيادىكى خوجايىنلىق ئورنىنى سىزنىڭ قولىڭىزدىن تاپشۇرۇپ ئالغان  بولىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

 

Leave a Comment

*

*