رابىيە قادىر : كۆڭلۈم كېچە-كۈندۈز تۇيۇپ تۇرغان، ئەمما ئېغىزىمدىن چىقىرالمىغان بىر رېئاللىق- لاگېرلاردىكى باسقۇنچىلىق ئاخىرى ئاشكارىلاندى

لاگىر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېردا سىستېمىلىق ھالدا جىنسىي چېقىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى كۆرۈپ يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم ئاغرىدى، ئەمما ئەھۋالغا ھەيران قالمىدىم. چۈنكى بۇ، شەرقى تۈركىستاندا لاگېرلار قۇرۇلغان 2017 ‏-يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى كاللامدىن كەتمەيۋاتقان، ئەمما ئىشەندۈرەلەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، پائالىيەتلىرىمدە ئېغىزىمدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالماي كېلىۋاتقان بىر قورقۇنچلۇق رېئاللىق ئىدى؛ مەندىكى بۇ قورقۇنچ لاگېرغا سولانغان 38 ئائىلە ئەزايىم ئىچىدە قىز ئەۋلادلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، 6 يىللىق مەھبۇسلۇق ھاياتىمدا، گۇندىپايلار تەربىيىسىزلىك، ھاياسىزلىق، ئىنتىزامسىزلىق زوراۋانلىقلارغا كۆپ قېتىم شاھىت بولغانلىقىم ئۈچۈندۇر.

مەن جازا مۇددىتىمنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردىلا يەنى بۇنىڭدىن 17 يىل ئىلگىرىلا، گۇندىپايلارغا، نىمىلا قىلسا-قىلسۇن تۈرمىدە مەھبۇسلارنى بويۇن ئەگدۈرۈش ۋە پۇشايمان قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ئىدى. گۇندىپايلاردىن ئاز -تولا ئەدەپ ئەخلاق بىلىدىغانلىرى ئىشىدىن بوشىتىلاتتى ياكى خىزمىتى يۆتكىلىۋېتەتتى؛ قىلىقسىزلىرى، زوراۋانلىرى خىزمىتىنى ئۇزۇن داۋام قىلاتتى ياكى تۈرمىدىكى مەرتىۋىسى ئۆستۈرۈلەتتى. ئىشخانىسىدا ئىشكاپىغا ھاراقلارنى تىزىپ قويۇش، مەھبۇس ئائىلە-تاۋاباتلىردىن ھاراق سوغا ئېلىش ۋە خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىش تولىمۇ نورمال بىر ئىش ئىدى؛ مەست ھالەتتە كامېرلارنى تەكشۈرگەن، سوراقخانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان ساقچىلارغا ھېچكىم ھەيرانمۇ قالمايتتى. مەھبۇسنىڭ بېشىغا نېمە كۈن كەلسە كەلسۇن شىكايەت قىلىش ھەققى يوق ئىدى، شىكايىتىنى ئاڭلايدىغان بىر ئورگان ياكى خادىممۇ يوق ئىدى. بۈگۈنكىدەك، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئېتىقادىدىن، ئۆرپ-ئادىتىدىن ۋە ئىنسانىي غۇرۇرىدىنمۇ ۋاز كەچتۈرۈش يەنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋېتىشتەك ئىستراتېگىيىلىك بىر پىلان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، گۇندىپايلارنىڭ ساپاسىدا يۇقىرىقىغا نىسبەتەن ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، لاگېردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇننى كۈتۈلگەن مەقسەتتىكىدەك ئۆزگەرتىش ئۈچۈن گۇندىپايلارغا ئا چەكسىز ھوقۇقلارنىڭ، ئىمتىيازلارنىڭ، » پۇرسەتلەر»نىڭ بېرىلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مېنىڭدەك بىر بىر سابىق مەھبۇس ئۈچۈن بەكلا ئاسان. مانا ئاخىرى يەنە بىر ھەقىقەت- بىر ئاچچىق رېئاللىق تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلقان ۋە سايراگۈل ساۋۇتبايلارنىڭ ئېغىزىدىن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. مانا بۇ ئۈچ قېرىندىشىمىزنىڭ كۆرسەتكەن بۇ جاسارىتى ئۈچۈن ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قانداق خېيىم-خەتەرلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ياخشى بىلىمىز؛ شۇڭا بۇ گۇۋاھچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى بۇ پىداكارلىقىغا ئەنە شۇ لاگېردا يېتىۋاتقان يۈز مىڭلىغان قىز-ئاياللىرىمىز نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن؛ مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقان گۇندىپايلارغىلا ئەمەس، ئۇلارغا شۇ پۇرسەتنى پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا يارىتىپ بەرگەن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە لەنەت ئوقۇيمەن.
بىر دۆلەت ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مەلۇم بىر خەلقنىڭ نوپۇسىنىڭ 25%نى تۈرمە ۋە لاگېرغا تاشلىسا، ئەركەكلىرى ئارىسىدىكى ئەسكىرىي ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاماقتا بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ خەلقنىڭ قىز-ئاياللىرى لاگىر ئىچىدىمۇ -سىرتىدىمۇ پۈتۈنلەي مۇداپىئەسىز قالىدۇ. ئەگەر بۇ لاگىرلارنىڭ ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ چەت-ياقىلىرىغا سېلىنغانلىقى، ئۇ يەردە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇيرۇقىنى ۋىجدانى راھەت ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قوراللىق كۈچ ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلسا، گۇۋاھچىلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئەسلىدىكى قورقۇنچلۇق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالايمىز.
شۇنداق تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن مەزكۇر گۇۋاھچىلار، چەتئەل ۋەتەندىشى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇ لاگىرلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان شەرقى تۈركىستاندىكى خەلق بۇ پاجىئەلەرنى بايان قىلىش پۇرسىتىدىن تامامەن مەھرۇم ۋە بەلكىم بىز مۇشۇ پاجىئەلەرنى سۆزلەپ تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئۇلاردىن قانچىسى شۇ ۋەھشىي باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى تاغدەك پاكىتلار بىلەن بىلىنىپ تۇرۇۋاتقان 300 نەچچە لاگېرنى يوق دەپ تۇرىۋېلىۋاتقانىدەك ۋە چەتئەلدىكى ئونمىڭلارچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ غايىب ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق باياناتلىرىنى يالغانغا چىقارغىنىدەك ، يۇقىرىقى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ باسقۇنچىلىق ھەققىدىكى بۇ گۇۋاھلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ ۋە مەزلۇم خەلقىمىزنى يەنە ناخشا ۋە ئۇسۇلغا سېلىپ، بۇ رېئاللىقنى يېپىشقا تىرىشىدۇ.
بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىنساپ ۋە ۋىجدانىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى: مانا بۇ پاكىتلاردىن كېيىن ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغان دۆلەت، تەشكىلات ۋە ئەربابلار پۈتۈنلەي تۈگىمىسىمۇ، سانى ئازايغۇسى!!!

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر.

Leave a Comment

*

*