رابىيە قادىر : ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلغان ترامپ ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن

دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي شەرقى تۈركىستاندا) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا( ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى » قىرغىنچىلىق» دەپ ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق خەلقئااراۋىي ئادالەت ۋە ئىنساندارچىلىق مەسىلىسىدە، قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە خاس يەنە بىر ئۈلگىلىك قەدەم باستى.
مايىك پومپىيو ئەپەندى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بۇ باياناتىدا، خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەتنى ساختا تەشۋىقات بىلەن قايمۇقتۇرۇش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلىكتە، ھەقلىق ھالدا خەلقئارا جامائەتنى بۇ قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمسا پات يېقىندا خىتاينىڭ ئەركىن دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.
مەن يەر شارىدىكى ئەڭ ۋەھشىي كۈچ- خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدا يانجىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر ئەزايى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىر دۆلەتنىڭ، بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئالىيجانابلىقىنى ۋە ئاقىللىقىنى ئۇنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە تەدبىرىگە قاراپ ئۆلچەيمەن. ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە تەھدىت بىر رەزىل كۈچ ئىكەنلىكىنى نىسبەتەن چوڭقۇر تونۇغان ۋە بۇ تەھدىتنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، بىر قاتار ئەمەلىي چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان دۇنيادىكى ۋە ئامېرىكادىكى تۇنجى بىر ھۆكۈمەتتۇر.دېمەك، ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مايىك پومپىيو قاتارلىق كابىنېت ئەزالىرى، مەن ھەر ۋاقىت ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغان ۋە سېغىنىدىغان بىباھا دۆلەت ئەربابلىرىدۇر. شۇڭا مەن بۇ پۇرسەتتە، ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق بۇ قېتىملىق باياناتى ۋە ئىلگىرىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن، مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
پرېزىدېنت جوۋ بايدىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى سايلام مەزگىلىدە قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان بىر سىياسەتچى ، ئۇ تەيىنلىگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكىنمۇ خىتاينى ياخشى تونۇغان بىر تەجرىبىلىك دىپلومات؛ شۇڭا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئىجرا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنى ئۈمىد قىلىمەن .

ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*