غەرب دۇنياسىدىكى دوست ۋە سەپداشلىرىمىزنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن

بېشىمىزغا كەلگەن لاگىر بالاسىنى ئەڭ باشتا بايقىغان، ئېغىزىغا ئالغان، دۇنياغا ئاشكارىلىغان ۋە بۇ جىنايەت سەۋەبلىك خىتاينى ئەيىبلىگەنلەر غەرب دۇنياسىدىكى ئاخباراتچىلار، پائالىيەتچىلەر، سىياسەتچىلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرى بولدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق ئون نەچچە غوللۇق غەرب ئاخباراتى ئارقا-ئارقىدىن باياناتلىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقسىزلىققا كۆز يۇمۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى؛ ئامېرىكادىن مايك پومپىيو، ماركو روبىيو، فىرانسىيەدىن ماكرون قاتارلىق كۆپ ساندا دۆلەت ئەربابلىرى، خىتاينى كەسكىن تىل بىلەن ئەيىبلەپ، دۇنيانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى بىرلىكسەپ تۈزۈشكە چاقىردى. ۋاتىكاندىكى پاپا فرانسىس، فرانىيسەدىكى پۇتبول چولپىنى ئانتونى گرېزمەن قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە سۈكۈتىنى بۇزدى، ھەقنى سۆزلىدى. ھەقىقىي بايرام ۋىجدانى راھەت ئىنسانلارغا يەنى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرگە ھەق مەيدانىدا تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرەلىگەن ئىنسانلارغا مەنسۇپتۇر. باشقىچە ئېيتسام، دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى تەن-تەنلىك ئۆتكۈزۈش ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئىنسانلارنىڭلا ھەققىدۇر! شۇڭا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېچىنىپ ۋە قولىدىن كېلىشىچە، بىزگە ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان غەرب دۇنياسىدىكى بارلىق دوستلىرىمىزنىڭ-سەپداشلىرىمىزنىڭ كېلىۋاتقان روژدېستۋو بايرىمىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا مەڭگۈ تىنچلىق ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن. .
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*