رابىيە قادىر : ئادالەت ئەلچىسى، فىرانسىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئانتونىي گرېزمەنگە رەھمەت ئېيتىمەن

بۈگۈن خىتاي 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا سولاپ، ئىرقىي بىر قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرالۋاتقان بولسا، بۇ يالغۇز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىلىكىدىنلا ئەمەس، يەنە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ، بۇ ۋەھشىيلىككە كۆز يۇمۇۋاتقان ۋە ھەتتا ھاكىمىيەت بىلەن شېرىكلىشىۋاتقان مەنپەئەتدار شەخس ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىندۇر. فىرانسىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئانتونىي گرېزمەن، مەنپەئەت ئالدىدا ۋىجدانىنى بۇلغىمىغان ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ساناقلىق چولپانلاردىن -مەشھۇر شەخسلەردىن بىرىدۇر. گرېزمەن خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، چولپانلار دۇنياسىغا جاراڭلىق بىر سىگنال بەردى: پۇل ئىنساندارچىلىقنىڭ ئۈستىدە تۇرماسلىق كېرەك، مەزلۇم خەلق قايسى دىن، قايسى ئېرىققا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يالغۇز قالدۇرۇلماسلىقى، ھېچ بولمىدى دېگەندە زالىمغا يان بېسىلماسلىقى كېرەك. بۇ سىگنالدىن تەبىئىي ھالدا بىئارام بولغان خۇاۋېي شىركىتى، ئۆزلىرىنىڭ يۈز تونۇش سىستېمىسى ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلغان. ئەلۋەتتە دۇنيادىكى بارلىق قانخور ھۆكۈمەتلەر تەختتىن يىقىلمىغۇچە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان ئەمەس؛ ئۇنىڭ شېرىكلىرىمۇ ھەم شۇنداق. خۇاۋېي شىركىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىدا بىۋاسىتە قولى بولغان مەنپەئەت گۇرۇھلىرىدىن بىرى، ئۇ يۈز تونۇش سىستېمىنى تەدبىقلىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمغانلىقى ئۈچۈنمۇ، جازالىنىشقا، چەتكە قېقىلىشقا، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۇزاق تۇرۇلۇشقا تېگىشلىكتۇر.

ئانتونىي گرېزمەن ئاقىلانىلىك بىلەن زالىمنىڭ شېرىكى خۇاۋېينىڭ ئوبراز ئەلچىلىكىدىن ۋاز كەچتى ۋە دۇنيادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۆزىتىۋاتقانلارنىڭ نەزىرىدە تەبىئىي ھالدا ئادالەتنىڭ ئەلچىسىگە ئايلاندى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھوشيارلىقى ۋە ھەققانىي قەدىمىنى تەبرىكلەيمەن ؛ شۇنداقلا مەزلۇم شەرقى تۈركىستان خەلقى نامىدىن ئۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*