رابىيە قادىر : دۇنيادىكى 2020 ‏-يىللىق 100 تەسىرلىك شەخسنىڭ بىرى بولغان مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىمنى تەبرىكلەيمەن

مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىم چەتئەلگە چىققىنى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئىككى چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. بىرى لاگېرلار ھەققىدە تۇنجى بولۇپ رومان يازغان . ئەلۋەتتە بۇ ئەمگەك ۋە قابىلىيەتلا ئەمەس، سەزگۈرلۈك تەلەپ قىلىدۇ؛ ئۇيغۇر تارىخىدىكىلا ئەمەس دۇنيا تارىخىي ئۈچۈنمۇ زور ۋە ئالاھىدە بولغان لاگېرلار مەسىلىسىنى دەرھال قەلەمگە ئېلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا يېيىش تەخىرسىز بىر ۋەزىپىكى ؛ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش سەزگۈرلۈكتىن باشقا يەنە ۋەتەن-مىللەتكە قارىتا چەكسىز بىر مۇھەببەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدۇ. مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىم شۇڭا مۇشۇ ئەمگىكى ئۈچۈنلا، » دۇنيادىكى 2020 ‏-يىللىق 100 تەسىرلىك ئايال»نىڭ بىرى بولۇشقا ھەقىقەتەن مۇناسىپ ئىدى . مۇيەسسەر خانىم، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە ئايخان فوندىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز 100 يىل بۇرۇن قولىغا ئالغان مائارىپ مەشئىلىنى تۈركىيەدە ئېگىز كۆتۈرگەن. مەزكۇر فوندنىڭ قانچىلىك كىشىنى ئوقۇتۇش -ئوقۇتالماسلقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئايخان روھىنى ياشنىتىشقا ھەرىكەت قىلىش ۋە ئايخان دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامنى ئەۋلادلارنىڭ ئېسىگە سېلىشنىڭ ئۆزى بىر نەتىجە. شۇڭا مەن مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خانىمنى 100 تەسىرلىك ئايال تىزىملىكىگە كىرگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ۋە خەلقىمىزنىڭ دەردىنى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جامائەت پىكرى كۈنتەرتىپى ئەكەلگىنى ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن ! ئاخىرىدا مۇيەسسەر خانىمنىڭ بۇ ئىككى ئەمگىكىنىڭ قەدرىنى بىلگەن ۋە قىممىتىنى ئاشۇرغان ئەنگلىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسى ب ب س ئاگېنتلىقىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*