رابىيە قادىر: ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە مەنىۋى يولباشچىمىز!

بۈگۈن ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 87 ۋە 76 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ كۈن بىزگە بۈگۈن مۇستەملىكە بولۇشنىڭ بەدىلىنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆلەۋاتقان يەنى 3 مىليوندىن ئارتۇق قېرىندىشىمىز لاگىر ۋە تۈرمىلەردە جان تالىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى؛ بۇ خاتىرە كۈن بۈگۈن بىز خەلقئارا سەھنىلەردە دۆلەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئېغىر ئازابىنى تارتىۋاتقان يەنى قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىزدىن ئۆزىنى تارتىۋاتقان بىر ئازابلىق دەۋرىمىزگە توغرا كەلدى. بۇ خاتىرە كۈن بۈگۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمىز، ئامېرىكا ، كانادا ۋە ياۋروپادىكى ئاز بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان، ئەمما تېخى ئەمەلىي بىر ھەرىكەت باشلانمىغان چارىسىز بىر پەسلىمىزگە توغرا كەلدى. مەن بۈگۈن ، بىزنىڭ مۇشۇ قىسمەتتىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن دەريا-دەريا قانلىرىنى ئېقىتىپ، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قاتقان بارلىق شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن! ، مانا مۇشۇ تەقدىرىمىزنى بۇنىڭدىن 80-90 يىل بۇرۇن كۆرۈپ يېتەلىگەن ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقىمىزنى ئويغاتقان، مىللىي ئىنقىلابنى قوزغاتقان ۋە يېتەكلىگەن ساۋۇت داموللام، خوجا نىياز ھاجى، ئېلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق دۆلەت ئاتىلىرىمىزغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
شۇنداق ، مىللىتىمىزگە مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىتقان، شۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىق دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئوفىتسەر-جەڭچىلىرى، بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە بىزنىڭ مەنىۋي يول باشچىلىرىمىزدۇر!
مەن بۈگۈن بۇ خاتىرە كۈنىدە ، بىز -مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ، ئەنە شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ۋەتەن ئىچىدىكى مەزلۇم خەلقىمىزگە ۋە خەلقئارا جامائەتكە يەنە بىر رەت جاكارلايمەن: بىر ھەممىمىز ئەركىنلىك كۈرەشچىلىرى، مۇستەقىللىق پىدائىيلىرى ، مىللىي ئازادلىق جەڭچىلىرى !!!!!

Leave a Comment

*

*