رابىيە قادىر : ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە ب د ت باش كاتىپىنىڭ كۈتۈۋاتقىنى نېمە؟

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ) ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا( ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقىنىنىڭ سىر ھالىتىدىن چىقىپ كەتكىنى ئىككى يىلدىن ئاشتى. بۇ ۋەزىيەتكە ئەڭ دەسلەپ ۋە تەرەددۇتسىز ئىنكاس قايتۇرۇشقا تېگىشلىك كىشى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىي گاتىرېس ئەپەندى دەپ قارايمەن. غەرب دۆلەتلىرى ئىنكاسىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا تەدبىر ئېلىشقا باشلىدى،نوپۇزلۇق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار يۈرگۈزىلىۋاتقىنىنىڭ مىسالى كۆرۈلمىگەن بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەمما ئانتوبنىي ئەپەندىنىڭ تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېغىزىدىن بىر جۈملە سۆز چىقمىدى. ئانتونىي ئەپەندى نىمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ پاكىت يېتەرسىزلىك قىلىۋاتامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى 2-3 مىليون ئارىسىدا ئۇيغۇرنىڭ لاگىر ۋە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات سۇنۇپ بولدى. خەلقئارا رازۋېدكا ژۇرنالىستلار گۇرۇپپىسى خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ دىنىي رادىكاللىقنى تۈگىتىش نامى ئاستىدا مىللىي كىملىكنى يوقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ ھەتتا مەزكۇر ھۆججەتتە خىتاينىڭ «ئىسلام دىنىنى ۋىرۇس » دەپ بېكىتكەنلىكى ئۆز ئېغىزىدىن ئىسپاتلاندى.
بۇزفېد ئاخباراتى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندا 330 دىن ئارتۇق بارلىقى، بۇ لاگېرلارنى خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىيتىنىڭ خەرىتىدىن خىرەلەشتۈرۈپ، دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىسرلاشتۇرىلىۋاتقانلىقى، بوۋاقلارنىڭ ئانا قارىنىدا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىس ئاندرىيون زېنز تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۆز دوكلاتلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بۇ تېمىدا پارتلاش خاراكتېرلىك ئاخباراتلار ھەر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغاندا مەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىي ئەپەندىدىن بىر سادا كۈتتۈم ؛ ئەپسۇسكى ، ئۇ بۇلارنىڭ ھېچ بىرىدە ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئانتونىي ئەپەندى، لاگىرلاردىن مىڭلاپ، ئونمىڭلاپ جەسەتلەرنىڭ خەلقئارا ئاخباراتلارغا چىقىشىنى كۈتۈۋاتامدۇ؟
ھەممىگە ئايانكى ، بۈگۈن لاگېرلار مەسىلىدە ب د ت دا خىتايغا قارشى ئاشكارا قارشى تۇرۇۋاتقانلار ئەركىن ئاخباراتى ۋە مۇستەقىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كۈچى بولغان غەرب دۆلەتلىرى، خىتاينى قوللاۋاتقانلار بولسا خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى دۆلەتلەر ۋە ياكى ئۆزلىرىدىمۇ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بولغان دىكتاتور دۆلەتلەر؛ ئۇلارنىڭ زۇۋان سۈرەلمەسلىكىنى قوبۇل قىلغىنى بولمىسىمۇ چۈشەنگىنى بولىدۇ، ئەمما ب د ت مۇ خىتايغا بېقىندىمۇ؟ ئانوتونىييمۇ پاكىستان پرېزدېتى ئىمران خان ئۆزى ئېتىراپ قىلغىنىدەك، خىتايغا مۇھتاجلىقى بارمۇ ۋە ياكى كۇبا ، رۇسىيە، شىمالىي كورېيە پرېزدېنتلىرىدەك ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە تىل تۇتۇقى بارمۇ؟ مەن ئانتونىي ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا بۇ سۈكۈتىنى، ئۇنىڭ سوتسىيالىست كەچمىشىگە ۋە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن دوستلۇقىغا باغلاپ چۈشەنگۈم يوق، چۈنكى ئىسپانىيەدەك بىر غەرب دۆلىتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر غەرب دىپلوماتىدا چوقۇم ئەقەللىي بىر ئادالەت تۇيغۇسىدا بولىدىغانلىقىغا ۋە زالىمغا يان بېسىپ ئاجىزغا ئۇۋال قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئورۇندۇقىنى قوغدايدىغان بىرى ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن.
مەن شۇڭا ئىنسانىيەت ئائىلىسىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغان ب د ت دا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋەزىپە ئانتونىي ئەپەندىنى ، تۇرۇۋاتقان ئورنىغا خاس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، قۇلاق يوپۇرۇۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولماسلىققا ۋە نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىغا بىر ئىزاھات بېرىشكە چاقىرىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*