پەخىرلىك قىزىمىز ئەركىنئاي ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمەن


قىزىمىز ئەركىنئاينىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىمدىن بېرى چوڭقۇر قايغۇرماقتىمەن. بۇ خەۋەر ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئىچىمنى ئازابلىدى. ئەركىنئاي نۇرغۇنلىغان «ئامېرىكا چۈشى» بىلەن كېلىپ ئۆز تىرىشچانلىقى، زېھنى ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئىشچانلىقى ئارقىلىق خىزمەت ۋە داۋانى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن خۇشخۇي، ئۈمىدۋار، غايىلىك مىللەت سۆيەر ئۇيغۇر قىزى، شۇنداقلا كۆيۈمچا ۋە ۋاپادار ئانا ئىدى.
ئەركىنئاي قىزىمىزنىڭ ھەرقاچان كۈلۈپ تۇرىدىغان، ئادەمگە ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىدىغان چىرايى، كەسكىن ۋە كەسپى تالانتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان مىجەزى ئادەمدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇراتتى. ئۇ ۋەتەندە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كەلگەن. ئامېرىكىدىمۇ تىرىشىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياخشى نەتىجىلەر بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشنى تاماملىغان ۋە ئامېرىكا يېمەك -ئىچمەك دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تارمىقىدىكى خىزمىتىنى غەلىبىلىك داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆز خىزمىتى بىلەنلا قالماي ۋەتەن مىللەت داۋاسى ئۈچۈنمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدە غوللۇق ھەيئەت ئەزايى سۈپىتىدە ئىزچىل خىزمەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ باشقا ئۇيغۇر قىز ئاياللارنىڭمۇ مىللەت ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. مەيلى كەسىپ جەھەتتە، ۋەتەن مىللەت داۋاسى ياكى ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە بولسۇن ئەتراپىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن تۆھپىكار ياشلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.
ئەركىنئاينىڭ تاسادىپىي ۋاپاتى مېنى چوڭقۇر قايغۇغا سېلىشى بىلەن بىرگە ھاياتنىڭ نە قەدەر قىسقا ۋە رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى، ھاياتنىڭ ھەر- بىر مىنۇتىنى شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ۋەتەندىشىمىزنىڭ قەدىرلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكى ھېس قىلدۇردى. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلىشىنى، بارلىق گۇناھلارنى خالاس قىلىپ ئۇ دۇنيادا خاتىرجەم، نۇر ئىچىدە يېتىشنى ۋەسىلە قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلماقتىمەن. ئەركىنئاينىڭ بارلىق يېقىنلىرى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە دوست- يارەنلىرىگە سەبىر – تاقەت، چىدام ۋە ئۈمىدۋارلىق تىلەيمەن.
قايغۇلىرىم بىلەن:
رابىيە قادىر
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى

Leave a Comment

*

*